باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

رەڭگى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان گۈل

      دادىسى دارۋىننى كۆپ ئىزدەپتۇ، ئۇنىڭ بۇ قوزىچىقى زادىلا ئۆيدە جىم ئولتۇرالمايدىكەن. ھازىر ئۇنىڭ نەلەردە سەكرەپ يۈرىدىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.

      مانا، ئۇ ھازىر دەرەخكە چىقىۋېلىپ، ھاشارات تۇتقىلى تۇرۇپتۇ.

      — دادا، تېزرەك كېلىڭ، قاراڭ بۇنىڭغا، ئاجايىپ قۇرۇتكەن، — دەپتۇ دارۋىن دەرەختە تۇرۇپ ۋارقىراپ. ئۇ راستتىن ئادەتتە كەم ئۇچرايدىغان ئىككى قۇرۇتنى ئۇچراتقانىكەن، ئۇ ئالدىراپ بېرىپ ئىككى قولىدا ئىككى قۇرۇتنى تۇتۇۋاپتۇ. بۇ چاغدا تېخىمۇ ئاجايىپ بىر قۇرۇت ئۇچۇپ كەپتىكەن، ئۇ شۇئان ئوڭ قولىدىكى قۇرۇتنى ئاغزىغا سېلىپ، قولىنى بوشىتىپتۇ – دە، ھېلىقى ئۇچۇپ كەلگەن قۇرۇتنى يەنە تۇتۇۋاپتۇ. ھېلىقى قۇرۇت ئۇنىڭ ئاغزىدا جىم تۇرماي ئۇياقتىن – بۇياققا سەكرىسىمۇ، ھەتتا چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاچچىق سىيىۋەتسىمۇ، ئاغزىنى زادىلا ئاچماپتۇ.

      — تېز قايتىپ چۈش، يىقىلىپ چۈشىسەن، — دەپتۇ دادىسى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ.

بالا دارۋىن بۇ ئاجايىپ قۇرۇتلارنى بىر قۇر تەتقىق قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن باغچىغا چىقىپ ئۇ يەردىكى گۈل – گىياھلارنى تەتقىق قىلىشقا باشلاپتۇ.

      ئۇ ئۆز – ئۆزىگە: تەبىئەتنى دەرسخانا قىلىمەن، كەلگۈسىدە ئالىم بولىمەن. ئالىم بولۇش ئۈچۈن قۇرت – قوڭغۇزلار، گۈل – گىياھلارنى ‹‹تەتقىق›› قىلىپ كۆرۈش كېرەك، دەپتۇ.

      قىش ئۆتۈپ باھار كەپتۇ. ئۇنىڭ باغچىسىدىكى گۈل – گىياھلار يوپۇرماق چىقىرىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ‹‹تەتقىقات›› نەزىرى باغچىدىكى ئېچىلىپ كەتكەن ئاق، سېرىق ئاق چېچەك (باھار ئەلچىسى) لەرگە تاشلىنىپتۇ. ئۇ دادىسىدىن ئاق چېچەك ئاق، سېرىق ئىككى خىل رەڭدە بولىدۇ، دەپ ئاڭلاپتىكەن. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: بۇ گۈل بىرنەچچە خىل رەڭدا ئېچىلسا، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلاپتۇ.

      ئۇ باغچىغا كىرىپ، ئىللىق قۇياش نۇرىغا قاخلىنىپ ياتقانىكەن، كۆز ئالدىدىن ئاجايىپ خىياللار ئۆتۈشكە باشلاپتۇ: باغچىدىكى ئاق چېچەك بىردەم ئاق، بىردەم قىزىل، بىردەم كۆك، بىردەم سېرىق، بىردەم سۆسۈن، بىردەم قارا... كۆرۈنگىلى تۇرۇپتىكەن، ئورنىدىن تۇرۇپ سەكرەپ كېتىپتۇ – دە، باغچىدا گۈللەرنى تۈزەشتۈرۈۋاتقان دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

      — دادا، مەن گۈللەرنى قايسى رەڭدا ئېچىل دېسە، شۇ رەڭدە ئېچىلىدىغان قىلىمەن، — دەپتۇ.

      — ھەي، خىيالپەرەس ئوغلۇم، بۇ خىيالىڭغۇ بولىدىكەن، بىراق تەبىئەتنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنىيىتى بولىدۇ، سەن قانداق قىلىپ ئۇ گۈلنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيسەن؟ – دەپتۇ دادىسى ئۇنىڭ بۇرنىغا چېكىپ قويۇپ.

      — مەن ناھايىتى ياخشى بىر ئامال ئويلاپ قويدۇم، — دەپتۇ بالا دارۋىن رەسمى ھالدا، – مەن چوقۇم ئاق چېچەكنى قىزىل رەڭدە ئېچىلدۇرىمەن، بۇ دېگەنلىرىم راست.

      — بولىدۇ، سەن ئۇنى ئۆزگەرت، راس ئۆزگەرتەلىسەڭ، ئۇ ئەنگلىيەدە كۆرۈلگەن تۇنجى قىزىل رەڭلىك ئاق چېچەك بولىدۇ، بۇ تولىمۇ ئېسىل ئىش بولىدۇ، – دەپتۇ دادىسى.

      ئىككىنچى كۈنى، دادىسى باغچىدا گۈللەرنى تۈزەشتۈرۈۋاتقاندا، بالا دارۋىن راست دېگەندەك قىزىل رەڭلىك بىر ئاق چېچەكنى كۆتۈرۈپ دادىسىنىڭ يېنىغا كەپتۇ.

      — ھوي! سەن بۇ ئاق چېچەكنى قانداق قىلىپ قىزىل رەڭگە ئۆزگەرتتىڭ؟

      — ئەمەلىيەتتە، — دەپتۇ خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قالغان بالا دارۋىن، – مەن بۇنى سىزدىن ئۆگەنگەن، سىز ھەمىشە، گۈللەر يىلتىزى ئارقىلىق سۇ ئىچىدۇ، ئاندىن بۇ سۇنى غولى ئارقىلىق ھەممە يەرگە تارىتىدۇ، دەيتتىڭىز. شۇنىڭغا ئاساسەن، ئاق چېچەككە ئازراق قىزىل رەڭ ئىچكۈزسەم، رەڭ ئۇنىڭ غولى ئارقىلىق غۇنچىسىغا بارسا، گۈلى قىزىل ئېچىلامدىكىن دەپ ئۇنىڭغا قىزىل رەڭ ئىچكۈزۈشنى ئويلىدىم – دە، تۈنۈگۈن ئاق رەڭلىق ئاق چېچەكتىن بىر تال ئۈزۈپ، قىزىل رەڭ شىشىسىگە چىلاپ قويدۇم، قارىسام بۈگۈن ئۇنىڭ رەڭگى قىزىلغا ئۆزگىرىپتۇ.

      دادىسى ھەيران بولغان ھالدا ‹‹تەتقىقات››نى ياخشى كۆرىدىغان ئوغلىغا قاراپ، خۇشاللانغان ھالدا ھېلىقى رەڭگى ئۆزگەرگەن ئاق چېچەكنى قولىغا ئېلىپ:

      — بۈگۈن باغچىمىزدا ئاق چېچەكنىڭ يېڭى بىر سورتى پەيدا بولدى، بىزنىڭ ئەنگلىيەدە قىزىل ئاق چېچەك مەيدانغا كەلدى، – دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ.

      كېيىن ئەنگلىيەدە يەنە بىر ئۇلۇغ ئالىم مەيدانغا كەپتۇ، ئۇ چارلېس لوبې دارۋىن (1809 – 1882) ئىكەن.

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: مېھراي