باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

تاماقتىن بۇرۇن ئاچچىقسۇ ئىچسە قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن

 

 

      ئاچچىقسۇ ئىچىش تاماقتىن كېيىن ئۆرلەيدىغان ئىنسۇلىننى تۆۋەنلىتىپ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سېزىمچانلىقىنى يۇقىرلىتىدىكەن. ئىنسۇلىننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان يېمەكلىكنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان دىيابېت ئاغرىقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئاچچىقسۇغا چىلانغان بولكا يېگۈچىلەرنىڭ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇتتىكى قاندىكى قەنت مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئاسانلىقچە ئاچلىق ھېس قىلمايدىكەن.

      ئىنسۇلىن تەركىبىدىكى ئىنسۇلىن كىسلاتاسى كىراخمالنىڭ فېرمېنت ئاكتىپچانلىقىنى تورمۇزلاپ، شۇ ئارقىلىق كىراخمالنىڭ پارچىلىنىپ گىلۇكوزىغا ئايلىنىش سۈرىتى ئاستىلىتىدىكەن. ئىنسۇلىن كىسلاتاسى ئوزۇقلۇقنى ئاشقازاندا ئۇزاق ساقلاپ، ئاشقازاننىڭ بوشىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئەكىس ئېتىش سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، ئاسانلىقچە قورساق ئاچمايدىكەن. دىيابىت ئاغرىقلىرى تاماقتىن بۇرۇن، ئىككى قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچسە بولىدىكەن. يەنە سوغۇق سەي يېگەن چاغدا، كۆپرەك ئاچچىقسۇ قۇيسىمۇ بولىدىكەن. قورۇما قورىغاندا ۋە شورپا قىلغاندا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇپ قويسىمۇ بولىدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر