باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

چەرچەن نەۋرۇز ئېشىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى

     

 

      نەۋرۇز بايرىمى بولسا 3 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمىدۇر. ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نەۋرۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ پائالىيەتتە تارىختىن بۇيان شائىرلار مۇشائىرە ئېيتىشىش، ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن باشقا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن ئوغلاق تارتىشىش، قىزلار بىچە ئويناش، ئوغۇللار مەرە ئويۇنى ئويناش، چېلىشىش، گاگا-كالتەك ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزەتتى، ھازىر ئىت سوقۇشتۇرۇش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، توخۇ سۇقۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. نەۋرۇز پائالىيىتىدە نەۋرۇز ئېشى ئېتىلىپ ھەممە بىردەك ئېغىز تېگىدۇ. ئىلگىرى نەۋرۇز پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان مەيدان بۇلاق بېشى، دەريا بويى، ئېتىزلىقلاردا بولۇپ، ھەممە ئائىلە قازان ئېسىپ مال سويۇپ، نەۋرۇز ئېشى ئېتەتتى. ھازىر بولسا بىرەر يېزا ياكى كوللېكتىپ ئۈستىگە ئېلىپ كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بارىدىغان بولدى. نەۋرۇز ئېشىغا كېتىدىغان ماتېرىياللار 3 چوڭ تۈر بويىچە تەييارلىنىدۇ.

      ماتېرىياللار:

      1. دانلىق زىرائەتلەر: بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ، ئارپا، پۇرچاق، ماش، تېرىق.

      2. كۆكتات: يېسىۋىلىك، كۈدە، تۇرۇپ، چامغۇر، سەۋزە، پىياز، سامساق.

      3. مېۋىلەر: ئۆرۈك قېقى، شاپتۇل قېقى، جىگدە، چىلان، ئۈزۈم، قوغۇن قېقى، ئەنجۈر قېقى.

      ئۇنىڭدىن باشقا قوي گۆشى، تۇز، سۇ قاتارلىقلار بىلەن ئېتىلىدۇ.

      تەييارلاش ئۇسۇلى:

      ئېتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئالدى بىلەن نەۋرۇز ئېشى ئەتمەكچى بولغان قازانغا سۇنى قۇيۇپ سۇ قاينىغاندىن كېيىن، تەييارلىغان بەلگىلىك مىقداردىكى گۆشنى سالىمىز، ئاندىن 1- قېتىم 7 خىل كۆتتاتنى، 2-قېتىم 7 خىل مېۋىنى، 3-قېتىم 7 خىل دانلىق زىرائەتنى سالىمىز.

(چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز تەييارلىغان)

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: رەيھانگۈل