باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

نۇرۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى

      1. نورۇز ئېشى ئېتىش ئۈچۈن كېتەرلىك خۇرۇچلار (10 كىشىلىك)

      قوي قوۋۇرغا گۆشى 1 كىلو، قوي باڭزىسى 2 دانە، قوينىڭ لوق گۆشى 300 گىرام، بۇغداي 1 كىلو، كۆكباش قوناق 200 گىرام، نوقۇت 200 گىرام ، گۈرۈچ 100 گىرام، كۆكپۇرچاق 100 گىرام، ماش 100 گىرام، تېرىق 100 گىرام، ئارپا 100 گىرام، قىزىلپۇرچاق 100 گىرام.

      سۇ ماي 200 گىرام، قىزىلمۇچ 500 گىرام، سەۋزە 1 باش پىياز 1 باش، پەمىدۇر 2 دانە، ئاش كۆكى 100 گىرام، چانغۇر 500 گىرام، تۇرۇپ 200 گىرام، زەنجىۋىل 50 گىرام، سامساق 100 گىرام ، تۇز يېتەرلىك، ئاچچىقسۇ 100 گىرام، قېتىق 50 گىرام، ئاقمۇچ 20 گىرام، شېكەر 30 گىرام

      2. تەييارلاش جەريانى:

      1. 6 سائەت بۇرۇن بۇغداري، پۇرچاقلار، نوقۇت، ئارپا، تېرىق، ماش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم - ئايرىم قاچىغا سېلىنىپ يۇيۇلغاندىن كېيىن ئىلىمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. كۆكتاتلار پاكىز يۇيۇلىدۇ.

      2. بىر چوڭ قازانغا قوۋۇرغۇلۇق گۆش بىلەن باڭزىلار سېلىنىپ يېتەلىك سۇ (10 كىلو) قۇيۇلۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈگى ئېلىنغاندىن كېيىن، ئوت پەسلىتىلىپ سۇس ئوتتا گۆش پىشقىچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن قوۋۇرغۇلۇق گۆش سۈزىۋېلىنىپ 10 بۆلەككە بۆلىنىدۇ.

      3. شورپا قايناۋاتقان ۋاقىتتا، سەۋزە، چامغۇر، قىزىلمۇچ، پەمىدۇر، تۇرۇپلار كىچىك چاسا شەكىلدە توغرۇلۇدۇ، سامساق، پىياز، زەنجىۋىللەر چانىلىدۇ، ئاشكۆكى 2 سانتا ئۇزۇنلۇقتا توغرۇلىدۇ. لوق گۆش ئۇششاق چاسا شەكىلدە توغرۇلىدۇ.

      4. قازاندىكى شورپىغا چىلانغان بۇغداي قاتارلىقلار ۋە گۈرۈچ، چامغۇر، سەۋزە، تۇرۇپ قاتارلىقلار سېلىنىپ بوش ئوتتا قاينىتىلىدۇ، قازاننىڭ تېگىگە تارتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پات - پات ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىشى كېرەك.

      5. يەنە بىر قازاننى ئوتقا قويۇپ، ماي قۇيۇپ قىززىغاندا توغرالغان گۆشنى سېلىپ قورۇپ ئاقارغاندىن كېيىن، پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، تۇز قىزىلمۇچ، تۇز، شېكەر، ئاقمۇچ، ئاچچىقسۇ، سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما (يۈزلۈك) قىلىنىپ، تەييار قىلىنىدۇ.

      6. قازاندىكى بۇغداي قاتارلىقلار پىشقاندا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، قېتىقنى قۇيۇپ ، قاچىلارغا ئۇسۇلۇ پ ئۈستىگە قورۇۋالغان قىيما ۋە ئاش كۆكى سېلىنىدۇ.

      ئالاھىدىلىكى: بۇ تۈركى، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ جەم بولۇپ باھارنى كۈتىۋېلىشتا ئىستېمال قىلىدىغان كاتتا تامىقى بولۇپ، بۇنىڭ خۇرۇچلىرى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تۇزلۇق، تاتلىق، ئاچچىق، چۈچۈك، مەززىلىك، پۇراقلىقتىن ئىبارەت ھەممە تەملەر تولۇق.

 

مەنبە: ماتېرىيالدىن تەھرىر: رەيھانگۈل