باش بەت | پىسخىكا

پەرزەنتىڭىزنىڭ پىسخىكىسى ساغلاممۇ

      ئۈمىدى بالىلىق دەۋر بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام، ياراملىق تەربىيەلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

      ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغاچقا، ئالدى بىلەن ئۇلار ئۆزىدە ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشى لازىم. بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ رايىغا زىيادە بېقىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە قاراپ چوڭ قىلىدۇ، بۇنداق تەربىيە ئاقىۋەتتە بالىلارنى بىشەم، ئەركە، ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىدىغان، مەنمەنچى، شەخسىيەتچى قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا ئامراقلىق ھەرگىزمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بالىلار ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا ئاتا–ئانىسىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ، ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۈلگە ئالىدۇ، ئۇلارنى دائىم ھەممە ئىشتا ئۈلگە قىلىدۇ. ھازىر، كۆپ قىسىم ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئەۋزەل، ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆيىدە تېلېۋىزورنىمۇ قويمايدۇ، بالىلىرى تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولغىچە يېنىدا ئولتۇرىدۇ، بۇنداق قىلىنسا بالىلار تەبىئىيكى ئىلھام ئېلىپ، ئۆگىنىشتە تېز ئالغا باسىدۇ، لېكىن، يەنە شۇنداق بىر قىسىم ئاتا–ئانىلارمۇ باركى، دائىم خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئالدىراشچىلىقنى باھانە قىلىپ، تۈگىمەس ئولتۇرۇشلاردىن بىكار بولالماي، بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشى بىلەن كارى بولمايدۇ، ئوقۇتۇش مەكتەپنىڭلا ئىشى دەپ قارايدۇ، نەتىجىدە، بۇنداق ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە پىسخىك ساغلاملىقى تازا ياخشى بولمايدۇ. بالىلارنى ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىق، ئۆز ئىرادىسىنى مەجبۇرى تاڭماسلىق، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىك لازىم. بەزى ئاتا – ئانىلار مەكتەپنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ئاز كەلگەندەك، بالىلىرىنىڭ تەبىئىي تالانتى، ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇلارنى تۈرلۈك كۇرسلارغا بېرىدۇ، بۇنىڭدا بەزى بالىلار ئاز – تولا بىر نېمىلەرنى ئۆگىنىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىققان بىلەن، يەنە نۇرغۇن بالىلار بۇنىڭدىن بېسىم، زېرىكىش، قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ، بۇمۇ بالىلاردا ناچار پىسخىك ھالەتنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشىنى ئاساس قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك.

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: رەيھانگۈل