باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان يامان ئادەتلەر

      1. چېنىقىشنى ياقتۇرماسلىق. ئۇزۇن مەزگىل سافادا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىدىغانلارنىڭ ئۆمرى مۆلچەر بويىچە قارىغاندا توققۇز ياش قىسقىراپ كېتىدىكەن. ئادەم چېنىقىپ تۇرمىغاندا پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، بېسىم ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

      2. مېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرمەسلىك. كۆكتات ۋە مېۋە ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە قېرىش پەيدا قىلىدىغان بىر قىسىم زەخىملىنىشلەرنى تولۇقلايدۇ. مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق.

      3. بېسىم ئېغىر بولۇش. ئاستا خاراكتېرلىك بېسىم زىيانلىق سېزىمچان ھورموننىڭ داۋاملىق توقۇلمىلارنى زەخىملەندۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كۆپرەك سىرتقا چىقىپ، دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزى خالىغان ئىشلارنى قىلىپ بېسىمنى يەڭگىللىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

       4. سالامەتلىكنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرماسلىق. بىر قىسىم ئادەملەر سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ قالسىمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشنى خالىمايدۇ. بۇنداق بولغاندا كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئۆتۈپ كېتىپ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

       5. تاماقنى تويغۇچە يېيىش. تاماقنى تويغۇچە يېيىش ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدۇ. تاماقنى %70 تويغۇچە ئىستېمال قىلىش ساغلاملىققا ۋە ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق.

       6. نىشانى بولماسلىق. تۇرمۇشتا ئېنىق نىشانى بولغان ئادەملەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، قان بېسىمى بىر قەدەر تۆۋەن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىمۇ ساغلام بولىدۇ.

      7. دوستى ياكى ئۇرۇن – تۇغقىنى يوق بولۇش. باشقىلار بىلەن ئارىلاشمايدىغان، دوستى يوق كىشىلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ، شۇڭا كۆپ دوست تۇتۇپ باشقىلار بىلەن دوستانە ئۆتۈش كېرەك.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر