باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

2 - ھېسسىيات ۋە مۇھاكىمە

      ھېسسىيات ۋە مۇھاكىمە ماقالە مەزمۇنىنى كۈچەيتىدىغان، پىكىرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭا ئادەم ۋە مەنزىرىلەر يېزىلىدىغان بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەرمۇ ھەمىشە ھېسسىيات ۋە مۇھاكىمىدىن خالىي بولالمايدۇ.

      ھېسسىيات بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەسىرلىنىش، سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش ۋە نەپرەتلىنىش تۇيغۇلىرى بولۇپ، بۇ خىل تەبىئىي ھېس - تۇيغۇلارنىڭ ماقال - ئەسەرلەردىكى ئىپادىلىنىشىنى‹‹لىرىكا›› دەپ ئاتايمىز. شۇڭا يېزىقچىلىقتىكى لىرىكا ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

      ئۇنداقتا ماقالىلەردە ھېسسىيات قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟

      ماقالىمۇ باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشاشلا ئىدىيىۋىي ھېسسىياتنى ئىپادىلەش قورالى. شۇنداق بولغاچقا ماقالىلەرگىمۇ ھەمىشە ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەردىكى ھېسسىيات كۆپىنچە ھاللاردا ئادەم، ۋەقە ۋە مەنزىرە تەسۋىرلىرى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا ئىپادىلەنسە، مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقالىلەردىكى ھېسسىيات بولسا مۇھاكىمە ۋە پاكىت (ئاساس) لار بايانغا سىڭدۈرۈلگەن ھالدا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. چۈنكى بىز ماقالە يازغاندا ئادەم، ۋەقە ھەم مەنزىرىلەرنى ھېچقانداق مەقسەتسىزلا ھېسسىياتتىن خالىي ھالدا يېزىپ قويمايمىز بەلكى بەزىلرىنى قوللاش، ياقتۇرۇش، مەدھىيەلەش ۋە ئاپىرىن ئوقۇش ھېسسىياتىمىز بىلەن يازساق، يەنە بەزىلىرىنى بولسا ئىنكار قىلىش، نەپرەتلىنىش، ئېچىنىش ۋە بىزار بولۇش ھېسسىياتىمىز بىلەن يازىمىز. شۇڭا ماقالىلەردىكى ئادەم، ۋەقە ھەم مەنزىرىلەر ئارقىلىق ھەمىشە ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا ماقالىلەردىكى ھېسسىيات كۆپىنچە ھاللاردا ۋاسىتىلىك ھالدا ئىپادىلىنىدۇ. ماقالە پەقەت ئۆزىگە سىڭدۈرگەن قايناق ھېسسىيات ئارقىلىقلا باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ ھەم تەسىرلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئىش - ھەرىكەتلەرنى ھېسسىياتتىن خالىي ھالدا  يالىڭاچلا يېزىپ قويغاندا، يازغانلىرىمىز قۇرۇق ماتېرىياللار خاتىرىسى بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ تەسىرلىك ماقالە بولالمايدۇ.

      ساۋاقداشلار ئادەم تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەرنى كۆپ يازىدۇ، مەسىلەن، ‹‹مېنىڭ دادام››، ‹‹مېنىڭ ئانام›› ‹‹ئۇستازىم››، ساۋاقدىشىم››، ‹‹پارتىدىشىم››، ‹‹مېنىڭ ئۇكام››، ‹‹مېنىڭ مومام››... دېگەندەك. مانا بۇ خىل ماقالىلەردە تەسىرلىك ئىش - پائالىيەتلەرنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭ شۇ ھەقتىكى ھېسسىيات ھەم تەسىراتلىرىمىزنىمۇ قوشۇپ يېزىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئىش - ھەرىكەت ھەم ھېسسىياتلار شەكىللىنىدۇ. يا ئۇنى ياقتۇرىمىز، ياكى ئۇنىڭدىن بىزار بولىمىز. شۇڭا ئادەملەر، ۋەقە ھەم مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلىگەندە ئۇنىڭغا ھېسسىياتنى سىڭدۈرۈپ يېزىش ئەمەلىيەتكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

[ئۆرنەك]

ئانا قۇشتەك مۇئەللىم

ماھىرە قىز ھەسەن

      سىم - سىم يامغۇر، يوللار تېيىلغاق، ئەمدىلا ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئۆيگە ئالدىراپ كېتىۋاتقان مۇئەللىم، قولىدا بىر توپ تاپشۇرۇق دەپتەرنى كۆتۈرۈپ ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، تېيىلىپ - مۈدۈرۈپ كەلمەكتە!

      لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار، ئۈستبېشىنى ئاپئاق قار قاپلىغان مۇئەللىم، قولىدا يەنە شۇ تاپشۇرۇق دەپتەرلەر، سوغۇقتا قوللىرىنى ئۇۋىلاپ، دۈگدىيىپ كەلمەكتە!

      بوران قاتتىق چىقىۋاتىدۇ. ھەممە ئادەم ئىشتىن چۈشۈپ ئىسسىق ئۆيىدە ئولتۇرىدۇ، پەقەت يالغۇز ھېلىقى مۇئەللىملا قولىدىكى تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنىڭ ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆكسىگە چىڭ تېڭىپ، بوراننىڭ يۆنىلىشىگە قارشى ھەدەپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە!

      پىژغىرىم ئىسسىق، قۇياش ئەتراپنى تونۇردەك قىزىتىپ تۇرىدۇ، يەنە شۇ مۇئەللىم، يەنە شۇ ھالەت، يەنە شۇ تاپشۇرۇق دەپتەر.

      ئېھ، جاپاكەش مۇئەللىم!

      نۇرغۇنلىغان جۈپ - جۈپ سەبىي كۆزلەر مۇئەللىمگە تىكىلىپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان كەۋسەرلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرمەكتە. بور توزانلىرى سىنىپتا ئۇچۇپ يۈرمەكتە.

تۇيۇقسىز مۇئەللىم قاتتىق يۆتىلىپ قولىدىكى بور يەرگە چۈشۈپ كەتتى، مۇئەللىم ھايات شامىنى يەنىلا ياندۇرماقتا!

      ھايات يولى بەكمۇ ئۇزاق، مۈشكۈل، مۇرەككەپ، شۇ مۇرەككەپ جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆز مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان مۇئەللىم. ئەمما، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەق تەلەپ قىلمايدۇ.

      ئۇ ئۆزى تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنى كۆردى. يەنە نەچچە تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدى، يېتىشتۈردى. ئۇلارمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھەر ساھەدە خىزمەت قىلماقتا. ئۇ خۇددى ئانا قۇش بالىلىرى ئۇچۇرما بولسا قاراپ - قاراپ تويمىغاندەك، ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆھپىلىرىگە قاراپ - قاراپ تويمايدۇ.

      ئېھ، جاپاكەش مۇئەللىم! سەن مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەتكە قوشۇش جەريانىدا كۈرمىڭلىغان جاپالارنى چەكتىڭ، ئەمدى ھالاۋەت كۆرىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى. بىراق، سەن يەنىلا ئىشلەۋاتىسەن، جاپا چېكىۋاتىسەن، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان بىلىمسىز قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىڭنى سەرپ قىلىۋاتىسەن.

      ئەي مۇئەللىم! جاپاكەش، قەدىرلىك مۇئەللىم!

[باھا]

      بۇ ماقالىدە جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھايات مۇساپىسى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ماقالىدىكى ھەربىر قەدەم، ھەربىر بۆلەككە ئاپتورنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسى، كۈچلۈك، مېھىر - مۇھەببىتى سىڭدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ماقالىدىكى ئىش - ھەرىكەتلەر بايانى ۋە ھەربىر كۆرۈنۈش مول ھەم قايناق ھېسسىيات بىلەن سۇغىرىلغان. ئىش - ھەرىكەت بىلەن ھېسسىيات ئايرىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە بىر - بىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ماقالىدىكى ئىش - ھەرىكەت بايانلىرى ھېسسىيات ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان.

 

مەنبە: ‹‹يېزىقچىلىق يېتەكچىسىدى››دىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي