باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىڭىزنىڭ سۈت ئىچىش مىقتارىغا دىققەت قىلىڭ

      كۆپىنچە ئاتا - ئانىلار بالىلار سۈتنى كۆپ ئىچسە پايدىسى ئىنتايىن كۆپ، دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا قاراش. كانادادىكى بىر ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىچىك بالىلار كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى ئىستاكانلا سۈت ئىچسە بولىدىكەن.

      كانادادىكى بىر ئالىم 1300دىن كۆپرەك ئىككى ياشتىن بەش ياشقىچە بالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە سۈتنى قانچىكى كۆپ ئىچكەنلەرنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىن D شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن، لېكىن تۆمۈر ماددىسى ئازلاپ كېتىدىكەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كىچىك بالىلار كۈندە ئىككى ئىستاكان سۈت ئىچسە، ۋىتامىن Dنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە، شۇنداقلا تۆمۈر ماددىسىنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ پايدىسى بار ئىكەن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر