باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاشلىق ساقلاش ئۇسۇلى

      قىش ۋە ئەتىيازدا ئائىلىلەردە ئاشلىق ساقلاشتا، قىسمەن دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ پۇرىقىدىن پايدىلىنىپ، زىيانداش ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاشلىقنى بىخەتەر ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

      1. كاۋاۋىچىننى ئېزىپ، ئۇنىڭغا ئارپىبەدىيان قوشۇپ داكىغا ئوراپ، ئاشلىق ئارىسىغا قويىمىز. ئادەتتە 50 كىلوگرام ئاشلىققا كاۋاۋىچىن بىلەن ئارپىبەدىيان ئارىلاشمىسىدىن 100 گىرام قويساق بولىدۇ.

      2. يېڭى، خام زەنجىۋىلنى پارچىلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئاشلىقنىڭ ئۈستىگە بىۋاسىتە قويساق، ھاشارات زىيىنىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.

      3. سامساقنى ئاقلاپ گۈرۈچ ۋە ئۇن ئارىسىغا سېلىپ قويساق، زىيانداش ھاشاراتلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

      4. قارىغاي ياغىچىنىڭ پارچىسىنى ئاشلىق دۆۋىسىگە سېلىپ، ئېغىزىنى چىڭ ئېتىپ ساقلىساق، ئاشلىقنى بىخەتەر، يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر