باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

بالىلىقتىكى گۈزەل ئەسلىمە

زەمىرەم ئابلىكىم

      بالىلىقتا تالنى ئات قىلىپ مىنىشمىگەنمۇ،

      بىر نان تاپساق تەڭ بۆلۈشۈپ يىيىشمىگەنمۇ. نېمىدېگەن يېقىملىق مىسرالار – ھە! بۇ ناخشىنى ئاڭلىغىنىمدا بالىلىقتىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. سەككىز ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى. يازنىڭ تومۇز ئاپتىپىدا كىشىنىڭ تەنلىرى قىزىپ، چىپ – چىپ تەرلەر ئاقاتتى. يازلىق تەتىل كۈنلىرى بولغاچقا مەھەللىدىكى بىرقانچە قىز كۈندە دېگۈدەك بىللە ئوينايتتۇق.

      بىر كۈنى مەھەللىدىكى ئۆستەڭ بويىغا ئوينىغىلى باردۇق. ئۆستەڭ تېيىز بولۇپ ناھايىتى ئاستا ئاقاتتى. ئۆستەڭ بويىدا ئۈجمە دەرەخلىرى بار ئىدى. بىز بىر – بىرىمىز بىلەن بەسلەشكەندەك دەرەخكە ياماشتۇق. پىشقان ئۈجمىنى مەززە قىلىپ يېدۇق. دەرەخ ئۈستىدە تازا قىزىق پاراڭلار بىلەن ئۈجمە يەۋاتساق تۇيۇقسىز شەكىلە دەسسىگەن شاخ سۇنۇپ ئۇ سۇغا چۈشۈپ كەتتى. شەكىلە قورقۇنچاق بولۇپ سۇ ئۈزۈشنى پەقەت بىلمەيتتى. بىز دەرھال پەسكە چۈشۈپ قارىساق شەكىلە ‹‹قۇتقۇزۇڭلار، مەن ئۆلىدىغان بولدۇم!›› دەپ ۋارقىراۋېتىپتۇ. ئۇنىڭغا قاراپ ئۈچىيىمىز ئۈزۈلگۈدەك كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ئارىمىزدىكى قوشنىمىزنىڭ شەھەرلىك تۇغقىنى بىزگە قاراپ ھەيران بولۇپ:

      – دوستۇڭلار ئېقىپ كېتەي دەۋاتسا ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن كۈلۈۋاتىسىلەرغۇ، – دېدى.

 

 

      – خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇ سەل باتۇر بولسىلا ئېقىپ كەتمەيدۇ، – دېدۇق. ئۇ گېپىمىزگە ھەيران بولۇپ سۇغا سەكرەپ شەكىلەنى قۇتقۇزماقچى بولۇۋىدى مەن:

      – شەكىلە، كەينىڭدىن لەھەڭ كېلىۋاتىدۇ، – دەپ ۋارقىرىدىم. شەكىلە ئورنىدىن تۇرۇپ قىرغاققا قاراپ قاچتى. ئەسلىدە سۇ ئاران ئۇنىڭ تىزىغىلا كېلەتتى.

(ئاپتور غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ 8 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر