باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

خامېلېيوننىڭ رەڭگى

      تەبىئەت دۇنياسىغا ماسلىشالايدىغان جانلىقلار ياشىيالايدۇ، ماسلىشالمىغانلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، تۈرلۈك – تۈمەن ھايۋانلار ناچار تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇزاققا سوزۇلغان تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تەدرىجىي ھالدا ھەرخىل نىقابلىنىش ئۇسۇلىنى، يەنى يوشۇرۇنۇش ئۇسۇلى، رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى قاتارلىق ‹‹ھىيلە – نەيرەڭ››لەرنى ئۆگىنىپ، بەدىنىنىڭ رەڭگىنى ئەتراپىدىكى تەبىئىي مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ كەلمەكتە.

      بەزى ھايۋانلار بەدىنىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بىر يۈرۈش ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە، بۇ جەھەتتە خامېلېيوننى مۇتەخەسسىس دېيىشكە بولىدۇ.

خامېلېيون ئۆمىلىگۈچى ھايۋان، دەرەخ شاخلىرىدا جىمجىت ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ تەلەتى سەت بولسىمۇ لېكىن بىر كېچە – كۈندۈزدە ئالتە خىل رەڭگە ئۆزگىرەلەيدۇ.

      خامېلېيوننىڭ نېمە ئۈچۈن رەڭ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولىدۇ؟

      خامېلېيوننىڭ تېرىسىدە تۈگىمەس ‹‹رەڭ ئامبىرى›› بولۇپ ئۇنىڭدا قىزىل، قارا، سېرىق، كۆك، قوڭۇر دېگەندەك ھەر خىل رەڭ ھۈجەيرىلىرى ساقلانغان. قۇياش نۇرى، تېمپېراتۇرا، نەملىك قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ رەڭگىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە رەڭ ئۆزگەرتىش ماھارىتى ئالىملارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغاچقا ئالىملار ئۇنىڭ رەڭ ئۆزگەرتىش ماھارىتىگە تەقلىد قىلىپ ھەم ئۆزلۈكىدىن رەڭ ئۆزگەرتەلەيدىغان، ھەم ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن باشتىن – ئاخىر بىردەكلىكنى ساقلىيالايدىغان بىرخىل ھەربىيچە كىيىم لايىھەلەپ چىققان. بۇ ھەربىيچە كىيىم قۇياش نۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن سەزگۈر بىرخىل خىمىيەلىك تالادىن تەركىب تاپقان رەختتىن تىكىلگەن، ھەربىيلەر ئۇنى كىيىۋېلىپ يوشۇرۇنغاندا باشقا يوشۇرۇنۇش چارىلىرىنى قوللىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر