گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئاندىرىئاس ئۈلۈشكۈن مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقى تۆت كىلوگىرامدىن ئاشسا، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا سەمىرىپ كېتىش خەۋپى باشقىلاردىن ئىككى ھىسسە كۈچلۈك بولىدۇ.
ئاندىرىئاس يەنە مۇنداق دېدى: ھامىلە مەزگىلىنىڭ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى باشقا ئامىللارغا قارىغاندا ئىنتايىن مۇھىم، ناۋادا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا تاماقنى كۆپ يەپ، ھەرىكەت ئاز قىلسا، ئۇنداقتا بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.