باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

تاۋۇز يېسە بولمايدىغان كىشىلەر

 

 

       زۇكامنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكىلەر: زۇكامنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تاۋۇز يېگەندە، زۇكام يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، زۇكام ئېغىرلىشىپ قىزىغاندا ياكى يۇتقۇنچاق ئاغرىغاندا تاۋۇز يېمەسلىك كېرەك.

      بەدىنى ئاجىزلىشىپ ئاشقازىنىنى سوغۇق ئالغان، ئىچى سۈرگەن، ھەزىم قىلىشى ناچارلار: بۇنداقلار تاۋۇزنى كۆپ يېسە، قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كېچىسى كىچىك تەرەتكە كۆپ چىقىدىغانلارمۇ تاۋۇزدىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.

      بۆرىكى ئاجىزلار: بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلارنىڭ سۇنى تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، بىر قېتىمدىلا تاۋۇزنى كۆپ يەۋەتسە، بەدەندىكى سۇ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، سۇ كۆپلەپ بەدەن ئىچىدە ساقلىنىپ قىلىپ، قاننىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.

      ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بارلار: بۇنداقلار تاۋۇزنى كۆپ يېسە، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان نورمال سۇ تاۋۇزنىڭ سۈيدۈك ھەيدەش رولى بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىپ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر