باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

ئاق تۇرۇپ دانىخورەككە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ

      ئاق تۇرۇپ ياللۇغنى قايتۇرۇپ، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ، يەنە ھەزىم قېلىشنى ياخشىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، توكسىننىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشىنى تۇسۇپ، دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

      ھۆسىن تۈزەش تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق تۇرۇپ ئاساسلىقى ئورۇقلىتىپ، يەلنى ھەيدەپ، تېرىنى ئاقارتىدۇ.

      ئەگەر ئۈچەي راۋان بولمىغاند چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ئاقسىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا زىيانلىق بولغان ئاممىياك تۈرىدىكى ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ ماددا قان سۇيۇقلۇقىغا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، ئورگانىزملارنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. ئەمما، ئاق تۇرۇپ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ تەرەتنى بوشىتىپ، پايدىسىز ئېلېمېنتلارنىڭ رولىغا قارشى تۇرىدۇ – دە، بۇ ئارقىلىق قاننى تازىلاپ، ھۆسىن تۈزەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: باس - باس تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر