باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

2013 - يىللىق جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە نېفىت خىمىيە تېخنىكا-ئۈسكۈنىلىرى يەرمەنكىسى 9 - ئايدا قارامايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

      2013 - يىللىق جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە نېفىت خىمىيە تېخنىكا-ئۈسكۈنىلىرى يەرمەنكىسى 9 - ئايدا قارامايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 500دىن ئارتۇق كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ.

      قاراماي شەھىرى 15 - مارت شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا ئۈسكۈنە ياساش كەسپىي يەرمەنكىسى مەزگىلىدە 2013 - يىللىق جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە نېفىت خىمىيە تېخنىكا - ئۈسكۈنلىرى يەرمەنكىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

      خەلق گېزىتى، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سىنا تورى، شەنشى گېزىتى قاتارلىق مەملىكىتىمىزدىكى 20 نەچچە داڭلىق تاراتقۇلار تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

      قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گېڭشېڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا: شەھىرىمىز 2012 - يىلى جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە نېفىت خىمىيە تېخنىكا - ئۈسكۈنىلىرى يەرمەنكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 27 - فېۋرال ھۈججەت چۈشۈرۈپ، جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە نېفىت خىمىيە تېخنىكا – ئۈسكۈنىلىرى يەرمەنكىسىنى جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىلىش، 2013 - يىلدىن باشلاپ ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈشنى تەستىقلىدى. بۇ يىللىق يەرمەنكە بۇ يىل 2 - ياكى 3 - سېنتەبىر شەھىرىمىزنىڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزىلىدۇ، دېدى.

      ۋاڭ گېشېڭ يەنە: بۇ يىللىق جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە نېفىت خىمىيە تېخنىكا - ئۈسكۈنىلىرى يەرمەنكىسى 2012 - يىللىق يەرمەنكە ئاساسىدا تېخىمۇ كەسىپلەشتۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرگە ئىگە كەسپىي يەرمەنكىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ، دېدى.

      قاراماي شەھىرى ھازىرغا قەدەر دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 716 كارخانىغا تەكلىپنامە ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 158 چەتئەل كارخانىسى، 558 دۆلىتىمىز كارخانىسى بار.

رەپقەت مالىك خەۋىرى

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر