باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

كورلا شەھەر يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپ بوكىس كوماندىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرلەش تەكلىپلىك مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

      كورلا شەھەر يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپ بوكىس كاماندىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرلەش، تەكلىپلىك مۇسابىقە پائالىيىتى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يېڭشەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. ئالدى بىلەن يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەرجان ياسىن بۇ مەكتەپنىڭ بوكىس كاماندىسىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ھەمدە بوكىس كاماندىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بەركەن يېڭشەر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تېرنىرلارغا، خوشنا كۇلۇبلارغا، ۋە پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئاتا - ئانىلارغا، ۋەتەنپەرۋەر تىجارەتچىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پائالىيەتكە كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا مەيدانلاردىن كەلگەن 50دىن ئارتۇق بوكىس ھەۋەسكارلىرى، ئۆزارا كەسكىن ئېلىشىتى. ھەمدە بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكىس تېرنىرى ئابدۇرېھىم، كورلا شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارسى بوكىس تېرنىرى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، كورلا شەھەرلىك ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ئابلەتجان، كورلا شەھەرلىك ئەركىن كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ئەركىنجان نامانلار، ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، ھەمدە بۇ كۇلۇپتا تەربىيلىنىۋاتقان كىچىك بوكىس ماھىرلىرى بىر قانچە مەيدان بوكىس ماھارىتى، ۋە ئەركىن مۇشتلاش ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئاخىرىدا تېرنىرلارنىڭ ئادىل باھالاپ چىقىش نەتىجىسىدە، يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى يولداش ئەنۋەرجان ياسىن 12 نەپەر بوكىس ماھىرىنى ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئەنۋەرجان ياسىن مۇخبىرغا: بۇندىن كېيىن دەرسخانا ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى، ۋە ئەقلىي ساپاسىنى ياخشىلاپ مەكتىپىمىزنىڭ بوكىس كاماندىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنى كۆپەيتىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن مەكتەپنىڭ بوكىس ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىردىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپنىڭ بوكىس كوماندىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرلەش، تەكلىپلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر

 

 
 
 
 

ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى ۋە فوتوسى

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر