باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى جەمئىيەتكە شىنجاڭ ساياھەت كارتىسى تارقاتتى

 

 

      ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن باشلاپ، جەمئىيەتكە شىنجاڭ ساياھەت كارتىسى تارقاتتى. بۇ كارتا بىلەن شىنجاڭدا 140تىن كۆپرەك ساياھەت سودا سارىيىدا باھانى تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ، بۇ كارتا ئىچىدە يەنە ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز بېرىلگەن 200 يۈەنلىك ساياھەت فوندى بار. 21 - مارت سەھەر ئەڭ ئاخىرقى 1 مىڭ 400 دانە شىنجاڭ ساياھەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى بولۇپ، كارتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ۋاقتى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن باشلىنىپ، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، كارتا تاپشۇرۇپ ئالغۇچىلار كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخىسى ئېلىۋېلىشى كېرەك. كارتا ئالغانلار 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن باشلاپ، ئىشلىتىشى كېرەك، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن كېيىن ئىستېمال توختىتىلىدۇ، شۇ ۋاقىتقىچە، كارتىدىكى پۇلنى ئىشلىتىپ بولالمىسا، ئاپتوماتىك ھالدا مالىيە ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ شىنجاڭ ساياھەت كارتىسىدىكى 200 يۈەن پۇلنى ئىستېمال قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كارتىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچى دەۋر مەيدانى C بىنا 27 - قەۋەتتىكى ئەنيى شىركىتىگە بېرىپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، قىممەت تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئىستېمالچىلار شىنجاڭ ساياھەت كارتىسىغا ئۆزى پۇل قاچىلىغاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلىش ۋاقتى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغان سودا سارايلىرىدا باھادا ئېتىبار بېرىشتىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ.

 

 
 

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر