باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

لېي فېڭ خاتىرىسىدىن

      بۈگۈن مەن تىياتىر كۆرگىلى بارماي ئۆيدە ماۋجۇشى ئەسەرلىرىنى ئۆگەندىم. ماۋجۇشى بىزگە: ‹‹پارتىيەگە ۋە خەلق ئاممىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش شەخسكە كۆڭۈل بۆلگەندىنمۇ مۇھىم، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەندىنمۇ مۇھىم›› دەپ تەلىم بەرگەنىدى، ماۋجۇشىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئويلىغىنىمدا قەلبىم بىردىنلا يورۇپ كەتتى. مەن ليەن تارقىتىپ بەرگەن بىر جىڭ ئالمىنى يېيىشكە كۆزۈم قىيماي، ئۇنى قولياغلىقىمغا ئوراپ سومكامغا سېلىپ قويۇپ، كەلگەن مېھمانلارغا قويماقچى بولغانىدىم. بۈگۈن ماۋجۇشى ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئىدىيەم تېخىمۇ ئېچىلدى ۋە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يولداشلار ئېسىمگە كەلدى. ئۇلار بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ غەمخورلىقىغا قانچىلىك مۇھتاجدۇر ھە! مەن خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكىرى، ئۇ كېسەل يولداشلارنى يوقلىشىم كېرەك. بۇ ئالما بىلەن ئۇلارنى يوقلىسام تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش قىلغان بولىمەن. چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە بىر جىڭ ئالما بىلەن ئۆزۈم يازغان ئەھۋال سوراش خېتىنى فۇشۈن شەھىرى ۋاڭخۇا رايونىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر غەربىي رايون دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ بەردىم.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر