باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

نورۇز كۈيى

(تاڭنۇر سىدىق)

      نورۇز قۇياش زېمىنغا تەبەسسۇم بىلەن باققان، كۆڭۈللەر يورۇغان، مەشرەپ – ساما قاينىغان خاسىيەتلىك كۈن.

      نورۇز سامادىن زېمىن قوينىغا لەرزان چۈشۈۋاتقان خۇشبۇي چېچەك.

      نورۇز سېھىرلىك كۈي، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى يېنىككىنە چېكىدىغان، جىمى مەۋجۇدات ھۇزۇرلىنىدىغان.

      نورۇز خىسلەتلىك بۇلاق سۈيى، چاڭقاق دىللارنى قاندۇرىدىغان، تەنگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولىدىغان.

      نورۇز پۈتكۈل ئالەم جەننەتكە ئايلانغان كۈن، قارا قىشتا ئاپئاق لېچەك ئارتقان تاغلار يېشىل تونغا ئورۇنىدىغان، باغ – بوستانلار توزدەك ياسانغان، شوخ سۇلار ئۈنچە چېچىپ ئاققان، نەغمىچى قۇشلار سايراپ، مەجنۇنتاللار ساماغا چۈشكەن، گۆدەكلەر تال چىۋىقنى دۇلدۇل قىلىپ، بېشىغا گۈل – چەمبىرەك ئورىغان، كېلىنچەك كۆك تەرگىلى چىققان، قوزا – ئوغلاقلار سەكرەپ تاقلاشقان.

      نورۇز ئالتۇن كولدۇرۇما، پۈتكۈل تەبىئەتنى شېرىن ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان، سۆيۈملۈك دېھقانلىرىمىزنى ئەمگەك مەيدانىغا چىللايدىغان.

      نورۇز بەرىكەت داستىخىنى، ئۇنىڭغا ئاتىلارنىڭ قان – تەرى، ئانىلارنىڭ ئەجىر – مېھنىتى، ئىنساب – دىيانىتى، ساخاۋەت، ساۋابى سىڭگەن.

(ئاپتۇر كوناشەھەر ناھىيەلىك 1 ــ ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر