باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

‹‹IC كاتىسى›› دېگەن نېمە

‹‹IC كاتىسى›› دېگەن نېمە

      كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ‹IC كارتىسى›› تۇرمۇشىمىزغا ئاستا - ئاستا كىرىپ كەلدى. IC كارتىسى يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كارتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە، كوچا ئاپتوموبىللىرى، مېترو ۋە تاكسىلاردا ئىشلىتىدىغان ئاممىۋى قاتناش كارتىسى، تېلېفون كارتىسى، كېسەل كۆرسىتىش ياكى خۇسۇسىي ئۇچۇرنى سۈرۈشتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەمىسى IC كارتىسىغا كىرىدۇ.

      IC كارتىسى كىملىك كاتۇچكىسى چوڭلۇقىدىكى سۇلياۋ كارتۇچكا بولۇپ ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر كىۋادرات سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقىدىكى نېپىز مېتال پىلاستىنكا ئورنىتىلغان، ئۇ ئۆزەك دەپ ئاتىلىدۇ. بىرقەدەر ئالىي دەرىجىلىك IC كارتىسىدا، بۇنداق مېتال پىلاستىنكا ئەمەلىيەتتە كىچىك بىر كومپيۇتېر بولۇپ، ئىچىدە بىر تەرەپ قىلغۇچ، ساقلىغۇچ، ئالاقە ئېغىزى، توك مەنبەسى قاتارلىقلار بار. ئۇ كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى ساقلىيالاپلا قالماي، يەنە ھېسابلاش، بىر تەرەپ قىلىش، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

      IC كارتىسىنىڭ ئۇچۇر ساقلاش مىقدارى ئىنتايىن  چوڭ. ئۇ سالاھىيەت، ئوقۇش تارىخى، تەرجىمىھال، خىزمەت ئەھۋالى، كېسەللىك تارىخى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى ساقلىيالايدۇ. ئۇنى ئېلېكتىرونلۇق كىملىك، ئوقۇغۇچىلىق (خىزمەت) كىنىشكىسى، داۋالىنىش كىنىشكىسى، كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ؛ IC كارتىسى يەنە ئۇچۇرلارنى ھېسابلىيالايدۇ ھەم بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇ ھەر خىل نەق پۇل تاپشۇرىدىغان ئىستېمال كارتىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنى ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق ھەمدە ئۇنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋېلىشمۇ ئاسان ئەمەس.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي