يېقىندا كۇچا ناھىيەسى كۈسەن مەدەنىيەت مەيدانىدا ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ‹‹ئومۇمىي ئەخلاققا، مەدەنىيلىككە، تازىلىققا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولايلى›› تېمىسىدا نەق مەيداندا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە ناھىيەلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتەپ، 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ، 7 - باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق يەتتە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 300 نەپەردىن ئارتۇق ماھىر قاتناشتى.
سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا رەسىم سىزماقتا.
نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى