باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

يۆتەل رېتسېپى

      سەۋزە، سۇڭپىياز ئېقى بىلەن سوغۇقتىن بولغان يۆتەلنى داۋالاش

      بىر باش سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن، ئالتە دانە سۇڭپىياز ئېقى، 15 گىرام خام زەنجىۋىل سېلىپ، سۈيى بىر پىيالە قالغۇچە قاينىتىپ، تىرپىنىمۇ قوشۇپ بىراقلا ئىستېمال قىلىنسا، بەدەننى تەرلىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىش، بەلغەم بوشىتىپ يۆتەلنى توختىتىش ئۈنۈمى بولىدۇ. شۇڭا سوغۇقتىن يۆتەلگەن، بەدىنى تىلىپ كۆپ چارچايدىغان، بەلغىمى كۆپ قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

      ناۋادا باش ياستۇققا تىگىش بىلەنلا قوزغىلىدىغان يۆتەل بولسا، كۆل لوبونى ئىنچىكە توغراپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ئۇ خىل يۆتەل ئىنتايىن تېزلا ساقىيىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر