باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

يەكەن ناھىيە 2013 – يىللىق ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى

 

 

يەرلىكتىكى خەلق سەنئەتكارلىرى مۇقامدىن ئارىيە ئورۇنلىماقتا

      يەكەن ناھىيە 2013 – يىللىق ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى ۋە 5 – نۆۋەتلىك بادام گۈلى بايرىمى 30 – مارت رەسمىي باشلاندى. بەخت – ئامەتكە سىموۋۇل قىلىنغان بادام گۈلى چېچەكلەپ، خۇش پۇرىقى كىشىنى مەس قىلدى. نەچچە ئون مىڭ يىلدىن بۇيان، گۈزەل بادام گۈلى بۇ قەدىمىي سىرلىق شەھەرنى بېزەپ كەلمەكتە، بۈگۈنكى كۈندە ‹‹بادامچىلىق كەسپى›› يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى يولغا ئايلاندى.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك بادام گۈلى بايرىمى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا شاڭخەينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە يۆلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹بادام گۈلى ماكانى›› تېمىسىدا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بادام ۋە 12 مۇقام مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت ۋە كەسپىي ئىگىلىك تەرەققىياتى تەتقىقات مۇھاكىمىسى، ‹‹ئەڭ گۈزەل يەكەن›› سەيلىسى، نورۇزنى تەبرىكلەش مەشرەپ پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ‹‹يەكەن ساياھەت مەدەنىيىتىنى كەڭ تارقىتىش ۋە مەدەنىيەت ساياھەت ئوبراز ئەلچىسى››نى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەتلىك تاللاش پائالىيىتى باشلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا، ساياھەتچىلەر ‹‹يەكەندىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر›› ئارقىلىق مىللىي ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرنى كۆرۈپ، نەچچە ئون مىڭ يىللىق قەدىمىي مەدەنىيەت – سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلالايدۇ.

 

 

‹‹12–بەش يىللىق›› پىلاننىڭ ئاخىرىغىچە قۇرۇلىدىغان مەملىكەت بويىچە مىليون مولۇق كۆلەمدىكى ‹‹دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان، جۇڭگودىكى بىردىنبىر›› بادام ئىشلەپچىقىرىش بازىسى

يەكەن ناھىيەسىدە بادام تېرىش تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغان بولۇپ، 1300 يىللىق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، بۇرۇنقى تارقاق ھالەتتىن قەدەممۇ قەدەم كۆلەملىك، ئۈنۈملۈك شەكىلدە تېرىشقا قاراپ مېڭىپ، ئەسلىي ماكان نامىنى قوغداشنى ئىلتىماس قىلىپ، بادام ماكانى دەپ ئاتالدى.

      يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋېن شۇجىسى فېڭ جۈنشياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى بادامنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان. 2012 – يىلى بادامچىلىق كۆلىمى 850 مىڭ موغا، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 940 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئەمەلىي مەھسۇلات قىممىتى 600 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشقان. ‹‹12–بەش يىللىق›› پىلاننىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە مىليون مولۇق كۆلەمدىكى ‹‹دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان، جۇڭگودىكى بىردىنبىر›› بادام ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ چىقىپ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ %50 تىن ئارتۇق قىسمىنىڭ بادامنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىكتىن كىرىشنى، ھەر مو يەردىن كىرىمنى 10 مىڭ يۈەنگە ۋە ‹‹بادام ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش›› نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانلاندى.

 

 

بادام ئۆستۈرۈش بازىسى بادام گۈلى چېچەكلىرىگە تولدى

 

 

بادام ئۆستۈرۈش بازىسى بادام گۈلى چېچەكلىرىگە تولدى

 

 

بادام ئۆستۈرۈش بازىسى بادام گۈلى چېچەكلىرىگە تولدى

 

 

يەرلىكتىكى دېھقام رەسساملار بادام دەرىخى ئاستىدا رەسىم سىزماقتا

 

 

ئوماق كىچىك بالىلار سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا

 

 

بەخت – ئامەتكە سىموۋېل قىلىنغان بادام گۈلى

 

 

ھەر يىلى بادام گۈلى ئېچىلغان مەزگىلدە، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىدۇ ۋە كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدۇ

 

 

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئۇسسۇل ھەرىكىتى

 

 

گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر