باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

مېسسى يەنە رېكورت يېڭىلىدى

 

 

      31 - مارت، 2012 -، 2013 - پەسىللىك ئىسپانىيە A دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 29 - ئايلانما مۇسابىقىسى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن سېلتا كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە ،بارسېلونا كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 2 - 2 سېلتا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ ئومۇمىي نومۇردا خان مادرىد كوماندىسىدىن 13 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۇدا 19 ئايلانما مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ رېكورتنى داۋاملىق يېڭىلىدى.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو شىنجاڭ تارماق تورى تەھرىر: ئاينۇر