باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

‹‹تۆت ئاقساقال››نىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى ھېكايىسى

دۇڭ بىۋۇ

      ئۇزۇن سەپەر يولىدا دۇڭ بىۋۇ كادىرلار ساناتورىيەسى ليەنى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈپىتىدە باشقىلار تەرىپىدىن ‹‹ئۈچى توختىمايدىغان ئادەم›› دەپ تەرىپلەندى. بىرىنچى، مېڭىشى توختىمايتتى. ھەربىي يۈرۈشتىن ئىلگىرى ئۇ يولدا كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەسىلىلەرنى قىياس قىلاتتى؛ قونالغۇغا چۈشكەندە ئەتىسىدىكى ھەربىي يۈرۈشنى ئۇقۇشاتتى ۋە ئۇنىڭغا تەييارلىق كۆرەتتى؛ كارىۋاتتا يېتىپمۇ شۇ كۈنكى ھەربىي يۈرۈش ئەھۋالىدىن خۇلاسە چىقىراتتى. ئىككىنچى، قول – پۇتى توختىمايتتى. قونالغۇغا بارغان ھامان ياتاق بىخەتەرلىكى، ئۆي تەقسىملەش، خادىملارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرەتتى؛ ئوبدانراق بىرەر تام ئۇچراپ قالسىلا ئۇنىڭغا شوئار يازاتتى. ئۈچىنچى، ئاغزى توختىمايتتى. ئۇ ئاممىغا قىزىل ئارمىيەنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن يەنە قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىگە پارتىيەنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئىنقىلابى ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرەتتى، ئاممىۋى خىزمەت ۋە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتەتتى.

      بىر كۈنى ئۇ قوشۇن بىلەن بىرگە جياڭشىنىڭ شىنفېڭ ناھىيەسىدىكى شىنتيەن بىلەن گۇپو ئارىلىقىدىكى بىر جايغا كەلگەندە پارتىيە باش ياچېيكىسى يىغىنىنى ئاچتى. كۆپچىلىك تازا قىزغىن مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا توساتتىن دۈشمەن ئايروپىلانىدىن بىرى كېلىپ تۆۋەن ھاۋا بوشلىقىدا غۇيۇلداپ بىر نەچچە قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن بىر دانە بومبا تاشلىدى، بومبا دەل چۆرىدەپ ئولتۇرغانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ يەردىكى توپا، لاينى توزۇتۇپ دۇڭ بىۋۇ ئاقساقال بىلەن ئەتراپنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى توپىغا مىلىۋەتتى، تەلەيگە يارىشا بۇ بومبا پارتىلىمىدى.

      خەتەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئايال قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن بىرى بۇدقا تېۋىنغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى جۈپلەپ ‹‹بۇدساتۋا ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن!›› دېدى.

      يەنە بىر ئايال قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىمۇ بومبىدىكى ‹‹ئەجنەبىي يېزىقى››نى كۆرۈپ قىزىقچىلىق قىلىپ: ‹‹ئۇ بۇدساتۋاغا ئىشەنمەيدۇ، تەڭرىگە ئىشىنىدۇ›› دېدى.

      دۇڭ بىۋۇ ئاقساقال بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن يۈزىنى سۈرتكەچ كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹ھەممىڭلارنىڭ دېگىنى توغرا ئەمەس، بۇ ماركسنىڭ ئەرشتىكى روھىنىڭ بىزنى ساقلىغىنى›› دېدى. ياندىكى شۈ تېلىمۇ قىزىقچىلىق قىلىپ: ‹‹ماركس بىزنى داۋاملىق ئىشلەڭلار دەيدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز تېخى تۈگىمىدى ئەمەسمۇ›› دېدى.

      دۇڭ بىۋۇ ئاقساقال يەنە يۇمۇرلۇق قىلىپ: ‹‹ئىنقىلاب تېخى غەلىبە قىلمىدى، يولداشلار داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك، شۇڭا بىز ئۆلسەك بولمايدۇ›› دېدى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر