قول ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرى ھەۋەسكارلىرىغا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان ۋە ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، پىچان ناھىيەسى يېقىندا پىچان بازىرىنىڭ مۇقام مەھەللىسىدە ئاياللارنىڭ قول - ھۈنەر كەشتە بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مۇسابىقىگە 10 يېزا، بازاردىن كەلگەن 48 ماھىر ئۆزلىرى تەييارلىغان مەنزىرە رەسىمى، گۈللۈك سېۋەت، كەشتە كىيىملىرى، ئوسسۇل كىيىمى قاتارلىق 420 يۈرۈش كەشتە ئەسىرىنى قاتناشتۇردى. ئاخىرىدا، باھالىغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل باھالىشى ئارقىلىق كەرىمە مۇھەممەتنياز قاتارلىق 6 ماھىرنىڭ كەشتە بۇيۇمى 3 دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر.
مىجىت ئىبراھىم، زەۋەرگۈل قادىرلار خەۋىرى، فوتوسى