باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› خەلقنىڭ ئارزۇسى

      3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى. شى جىنپىڭ بوۋا يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

      شى جىنپىڭ بوۋا سۆزىدە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر يولنى چوڭقۇر شەرھىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە يولدا تولۇپ – تاشقان ئىشەنچ بىلەن دادىل مېڭىشىغا قۇدرەتلىك كۈچ ئاتا قىلدى.

      شى جىنپىڭ بوۋا مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا چوقۇم جۇڭگوچە يولدا مېڭىش كېرەك. بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدۇر.

      ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا چوقۇم جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مانا بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھى.

      ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق كۈچى. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› مىللەتلەرنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى. زىچ ئىتتىپاقلاشقاندىلا ئورتاق ئارزۇ – ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھەممەيلەن ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقارغاندىلا دۆلەت، جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئارزۇ قىلىشقا، ئارزۇنى قوغلىشىشقا تىرىشىپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جۇڭگو كۈچىنى ئۇيۇشتۇرغىلى بولىدۇ.

      شى جىنپىڭ بوۋا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› خەلقنىڭ ئارزۇسى، خەلق ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. شۇڭا خەلق ئاممىسىغا تايىنىشىمىز، خەلققە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر