باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

‹‹تۆت ئاقساقال››نىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى ھېكايىسى

شيې جۆزەي

      ئۇزۇن سەپەر باشلانغاندا 50 نەچچە ياشلاردىكى شيې جۆزەي ئەينى چاغدا مەركىزىي ئىشچى – دېھقانلار دېموكراتىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى ۋە قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىدى. شيې جۆزەي ئاقساقال ‹‹سولچىل›› قاراملىقنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىغا كەلتۈرگەن ئېغىر زىيىنىنى كۆرۈپ پارتىيەنىڭ تەقدىرى، ئىنقىلابنىڭ ئىستىقبالىدىن تولىمۇ قايغۇردى. زۇنيى يىغىنى ئېچىلغاندا شيې جۆزەي ئاقساقالغا بەزگەك تەگكەنىدى. يىغىندا ‹‹سولچىل›› خاتالىقنىڭ تۈزىتىلىپ، ماۋزېدۇڭنىڭ قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنىنىڭ قايتىدىن تىكلەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھاياجانلانغىنىچە: ‹‹ماۋزېدۇڭ قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلسا ئىشلار تۈزىلىپ كېتىدۇ›› دېدى.

      ئۇزۇن سەپەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىنقىلابنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنىدى، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ھەتتا ئىنقىلاب قوشۇنىدىن ئايرىلغانىدى. شيې جۆزەي ئاقساقال پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىستىقبالىدىن غەم قىلسىمۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئىشەنچىنى يوقاتمىدى. ئۇزۇن سەپەر داۋامىدا نۇرغۇن مۇھىم ھۆججەت ۋە ئەتىۋارلىق ماتېرىياللار ئېلىپ ماڭغىلى بولمىغانلىقتىن كۆيدۈرۈۋېتىلدى، پەقەت ‹‹جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى››نىڭ تامغىسىنى ئۇ ئىزچىل يېنىدا ئېلىپ يۈردى، قارلىق تاغدىن ئاشقان، سازلىقتىن ئۆتكەن ۋاقىتلاردا ئۇ يەنە تامغىنى قىزىل لاتىغا ئوراپ بوينىغا ئېسىۋېلىپ شىمالىي شەنشىگە ئېلىپ باردى. ئۇ ھەمىشە تامغا قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋولى، كەلگۈسىدە لازىمى بولىدۇ، دەيدىغان ئېتىقادتا ئىدى.

      شيې جۆزەي ئاقساقالنىڭ مىجەزى ئۈمىدۋار، خۇش چاقچاق ئىدى، ھەربىي يۈرۈشتە ھاسا تايىنىپ، قەدەمنى رىتىملىق تاشلايتتى. دەم ئالغان ۋاقىتلاردا كۆپىنچە ياشلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇخلايتتى، بۇرۇتىنى سىلىغاچ كۆپچىلىككە پەس ئاۋازدا ھېكايە سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى قىيىنچلىق داۋامىدا ئۈمىدنى كۆرۈشكە، يورۇقلۇقنى كۆرۈشكە ئىلھاملاندۇراتتى. بىر كۈنى كەچتە قونالغۇدا كۆپچىلىك يەنە گۈلخاننى چۆرىدەپ شيې جۆزەي ئاقساقالدىن ھېكايە ئاڭلىدى. ئۇ لى زىچېڭ توغرىسىدا ھېكايە سۆزلىدى. ئۇ لى زىچېڭ رەھبەرلىكىدىكى دېھقانلار قوراللىق كۈچلىرىنىڭ نەچچە قېتىم پۈتۈن قوشۇن بىلەن تارمار بولغانلىقى، يەنە قانداق قىلىپ قايتىدىن قوشۇن تەشكىللىگەنلىكى، ئەڭ ئاخىرىدا بېيجىڭ شەھىرىگە كىرگەنلىكىنى سۆزلىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ئىنقىلابنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدىغانلىقى، ئىنقىلاب دېگەنلىك جاپا تارتىش ئىكەنلىكى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

      قارلىق تاغدىن ئاشقان، سازلىقتىن ئۆتكەن ۋاقىتلاردا ماۋزېدۇڭ ھارغىن ھەم چىرايى تاتىرىپ كەتكەن شيې جۆزەي ئاقساقالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ: ‹‹شيې جۆزەي ئاقساقال، ھازىر مۇھىت تولىمۇ جاپالىق، يول بارغانسېرى مۈشكۈللىشىۋاتىدۇ، مەن سىلەرنى يولدا قويامدىممىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. مەن سىلەر ›تۆت ئاقساقال‹غا گىرىم قىلىپ قامال لىنىيەسىدىن چىقىرىپ، شاڭخەي قاتارلىق جايدىكى خىزمەتكە يۆتكەشنى ئويلاۋاتىمەن، سىلەر ئەمدى بىزگە ئەگىشىپ مېڭىۋەرمەڭلار!›› دېدى، ئارقىدىن ئۇ شيې جۆزەي ئاقساقالنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ‹‹تېنىڭىز تولىمۇ زەئىپلىشىپ كېتىپتۇ، يەنە داۋاملىق مېڭىۋەرسىڭىز كاردىن چىقىسىز›› دېدى.

      شيې جۆزەي ئاقساقال ماۋزېدۇڭغا: ‹‹كاردىن چىقىپ كەتسەممۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن بىر قەدەم ئايرىلمايمەن›› دېدى. شيې جۆزەي ئاقساقال مانا مۇشۇنداق ئىنقىلاب چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، دەيدىغان روھ ۋە قەتئىي ئېتىقاد، يولداشلارغا بولغان مۇھەببەت بىلەن ئاخىر شىمالىي شەنشىگە غەلىبىلىك يېتىپ كەلدى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر