باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

پىيونېرلارنىڭ ياخشى چاكىرى بولۇش

   چوڭلار كادىر بولسا خەلقنىڭ چاكىرى بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پىيونېرلار كادىر بولسىمۇ ئوخشاشلا خەلقنىڭ چاكىرى بولۇپ ئەترەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مانا بۇ ئەترەت باشلىقى ۋە ئەترەت ھەيئىتى بولۇشتىكى مەقسەت.

      بىراق، بەزى كىچىك كادىرلار: «كادىر بولسا بىرقانچە سىزىقلىق يەڭ بەلگىسىنىلا تاقايدۇ، بۇ نېمە دېگەن سۆلەتۋازلىق» دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر: «كادىر بولغان ئىكەنمەن ساۋاقداشلارنى باشقۇرۇشۇم، ھەممىسى مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىشى كېرەك» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بىلەكتە بىر سىزىق كۆپەيسە كادىرلارغا بىر ئۈلۈش خىزمەت ئارتۇق ئارتىلىدۇ. كىچىك ئەترەت باشلىقى كىچىك ئەترەتنىڭ ئەزالىرىغا مەسئۇل بولۇشى، ئوتتۇرا ئەترەت كادىرى ئوتتۇرا ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە كىچىك ئەترەت باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىشى، چوڭ ئەترەت كادىرى چوڭ ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرۋاقىتتا، يەنە ئوتتۇرا، كىچىك ئەترەت خىزمىتىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. شۇڭا، كادىرلار بەلگە تاقىغان ۋاقىتتا پەقەت شەرەپنىلا ھېس قىلىپ قالماي بەلكى مەسئۇلىيەتنىمۇ ھېس قىلىش لازىم. پىيونېرلارغا ياخشى خىزمەت قىلىش ئىدىيەسىنى تىكلەش ئۈچۈن سىز چوقۇم جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي خىزمەت ئىشلىشىڭىز، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كوللېتىپنى ئويلىشىڭىز، ئەقىل - پاراسىتىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ خىزمەتنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئورۇندىشىڭىز ھەمدە پىيونېرلارغا خىزمەت قىلىش جەريانىدا چېنىقىپ ئەتراپلىق يېتىلىشىڭىز كېرەك. بىز ھەربىر پىيونېرنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋە ئەترەت ھەيئىتى بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئورۇندا چېنىقىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ماھارىتىنى ياخشى يېتىلدۈرۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر