بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قەۋزىيەتنىڭ ياشانغانلارغا بولغان زىيىنى
-
قەۋزىيەتنىڭ ياشانغانلارغا بولغان زىيىنى
ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 792 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قەۋزىيەت ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، باش قىيىش ۋە باش ئاغرىش، روھى چۈشكۈنلىشىش، تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.قەۋزىيەت ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ياشانغان ئادم يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، قەۋزىيەت سەۋەبلىك، چوڭ تەرەت قىلغاندا بەك كۈچىۋەتسە، قان بېسىمى شىددەت بىلەن يۇقىرىلايدۇ، يۈرەك سېلىشى تېزلىشىدۇ ياكى يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى يۇقىرىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىش، مېڭە قاناش، يۈرەك سانجىقى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك رېتىمى بىنورماللىق، غول تومۇر ئۆسمىسى ياكى يۈرەك قېرىنچىسى دىۋار ئۆسمىسى يېرىلىش قاتارلىق خەۋپلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ياشانغانلار يىرىق يانتۇ چۇقۇقى، ياشىنىش خاراكتېرلىك تېرە قىچىشىش كېسىلى، ياشانغانلار ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى كېسەللىكلەرمۇ قەۋزىيەت سەۋەبلىك ئېغىرلاپ كېتىدۇ.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قەۋزىيەتنىڭ ئاساسلىق خەۋپى
2015-08-06 04:37:351134بالىلار ساغلاملىقىنى قوغدىغۇچى قالقان: نىتتا قەۋ
2015-08-06 05:24:351618قەۋزىيەتنىڭ ياشانغانلارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:54:57792قەۋزىيەتنىڭ خانىم-قىزلارغا ئېلىپ كېلىدىغان 8 چوڭ
2015-08-06 19:44:138332نىتتا قەۋزىيەت دەملىمىسىنىڭ 6 چوڭ ئۈنۈمى
2015-08-06 05:26:571239بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-08-06 05:32:591745خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى
2015-08-06 14:45:577792بالىلاردا ئىشتاھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەت ئالامەتلىر
2015-08-06 13:14:222905
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-