بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىيىڭىزدىكى زەھەرنى تازىلاپ، ئۈچىيىڭىزنى راۋانلاشتۇرۇڭ
-
ئۈچىيىڭىزدىكى زەھەرنى تازىلاپ، ئۈچىيىڭىزنى راۋانلاشتۇرۇڭ
ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 3791 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئازدۇر-كۆپتۇر ئۈچەي كېسەللىكى مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قەۋزىيەت مەسىلىسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك تۇرمۇش رېتىمى تېز بولۇش سەۋەبلىك، دائىم سىرىتتا تاماق يېيىش، گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، كۆكتات يېيىشكە سەل قاراش قاتارلىقلار يېمەكلىك تالاسىنىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلالماي ئۈچەيدە كۆپ مىقداردا توكسىننىڭ يىغىلىپ قېلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇ ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاننىڭ سىرتىدا، قەۋزىيەت، قورساق سېلىش، يۈزىگە دانىخورەك چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈچەي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلمەي قەۋزىيەتنى كىچىك ئىش دەپ قاراپ، ئۈچەيدىكى توكسىن ۋە قالدوقنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىشكە ئەھمىيەت بەرمىگەندە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان ھەر خىل ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش خەۋپى ئىنتايىن ئېغىر.
ئۈچەينىڭ ساغلام ھالەتتە بولۇشى، ئۈچەي راكى ۋە باشقا ئۈچەي كېسەللىكلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى 3 ئىشنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ.
1.ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا يېمەكلىك تالاسى ئىستېمال قىلىش؛
2.ھەر كۈنى تەرەت قىلىش؛
3.بەلگلىك مۇددەتتە ئۈچەينى تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇش؛
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسلانغاندا ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندا 16 گىرام يېمەكلىك تالاسىغا مۇھتاج بولىدۇ. ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى 18 گىرامدىن 30 گىرامغىچە يېمەكلىك تالاسى قوبۇل قىلغاندا، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدۇ. ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى 35 گىرام يېمەكلىك تالاسى قوبۇل قىلغاندا ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ خېيىم–خەتىرى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. ياۋروپا بىرلىكى يېمەكلىك تەتقىقات ھەيئىتى ھەر كۈنى ھەر بىر ئادەمنىڭ 30 گىرام يېمەكلىك تالاسى ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ 2-3 كىلوگىرام مېۋە ۋە كۆكتات ئىستېمال قىلغانغا باراۋەر.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قەۋزىيەت مەزى بېزىغا زەخمە يەتكۈزەمدۇ؟
2016-01-04 18:21:351450قەۋزىيەتنىڭ خانىم-قىزلارغا ئېلىپ كېلىدىغان 8 چوڭ
2015-08-06 19:44:138385قەۋزىيەتنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:43:32834قەۋزىيەت كېسەللىكمۇ؟
2015-08-06 04:59:552215بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-08-06 05:32:591817قەۋزىيەت ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە
2015-08-06 13:08:033684قەۋزىيەتنىڭ چوڭلارغا بولغان تەسىرى بەكلا چوڭ
2015-08-06 20:42:283134قەۋزىيەتنىڭ ھامىلىدارلارغا بولغان تەسىرى
2015-08-06 04:51:342095
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-