بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى
-
خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى
ۋاقتى: 2016-08-16 ئاۋاتلىقى: 7822 قېتىممەيلى قانداق ئادەم بولسۇن، قەۋزىيەت بولغاندا بەكلا ئازابلىنىدۇ، بۇنى بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر ھېس قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. قەۋزىيەتنىڭ كىشىلەر سالامەتلىكىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى بەكلا كۆپ، ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغانلىرىدىن چىرايىدا داغ پەيدا بولۇش، يارا چىقىش قاتارلىقلار بار. تۆۋەندە بىز خانىم-قىزلار قەۋزىيىتىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىمىز.يانفوندا كۆرۈش
1. روھىي جەھەتتىن زىيادە جىددىيلىشىش
تۇرمۇش رېتىمى تېز، خىزمەت بېسىمى ئېغىر، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەر، نېرۋا مىجەز كىشىلەر ئاسانلا بۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بولۇممۇ كاماندىروپكىغا چىققاندا، مېڭە تەرەت چىقىرىش مەركىزى نىرۋا سىستېمىسى چەكلەشكە ئۇچراپ، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
2. ھەرىكەت يېتەرلىك بولماسلىق
ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ، ھەرىكەت قىلماسلىقتىن ئۈچەي مۇسكۇللىرى بوش ھالەتتە بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاستىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خانىم-قىزلارنىڭ قورساق مۇسكۇلى بىر قەدەر ئاجىز بولغانلىقتىن، تەرەت چىقىرىش كۈچىمۇ ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا يىمەكلىك قالدۇقلىرى ئۈچەيدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قىلىپ، سۇنىڭ سۈمۈرۈلىشى ئېشىپ بارىدۇ-دە، تەرەت قېتىۋېلىپ، چىقىرىش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ.
3. يېمەكلىك ئارقىلىق سۈمۈرۈلىدىغان ئوزۇقلۇق مۇۋاپىق بولماسلىق
تاماق يېيىش قانۇنىيەتلىك بولماسلىق، تەڭپۇڭ ھالدا ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشكە دىققەت قىلماسلىق، دائىم سىرتتىن تاماق يېيىش، يىمەكلىكتە كۆكتات ۋە تالالار يېتەرلىك بولماسلىق.
4. ناچار بولغان تەرەت قىلىش ئادىتى
خىزمەت جىددىي ياكى باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش، ئەتىگەنلىك چېنىقىش سەۋەبىدىن، گەرچە چوڭ تەرەت قىلغۇسى بار بولسىمۇ، قەستەن قىستاپ، ۋاقتىدا چىقارماي، ئۈچەيدىكى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۇقىرىدا بىز خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەت سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق، بۇنىڭ خانىم-قىزلىرىمىزغا چوقۇم پايدىسى بار دەپ قارايمىز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىمىزدىكى قەۋزىيەتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىگە دىققەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئۇسۇلى ياكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قەۋزىيەتتىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشايلى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
نىتتا قەۋزىيەت دەملىمىسىنىڭ 6 چوڭ ئۈنۈمى
2015-08-06 05:26:571250قەۋزىيەتنىڭ ياشانغانلارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:54:57801قەۋزىيەت ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە
2015-08-06 13:08:033674قەۋزىيەتنىڭ ئاساسلىق خەۋپى
2015-08-06 04:37:351148قەۋزىيەتنىڭ ھامىلىدارلارغا بولغان تەسىرى
2015-08-06 04:51:342093بالىلار ساغلاملىقىنى قوغدىغۇچى قالقان: نىتتا قەۋ
2015-08-06 05:24:351631خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى
2015-08-06 14:45:577822قەۋزىيەتنىڭ خانىم-قىزلارغا ئېلىپ كېلىدىغان 8 چوڭ
2015-08-06 19:44:138372
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-