قەۋزىيەت ساۋاتلىرى يانبىلوگى

    قەۋزىيەتنىڭ خانىم-قىزلارغا ئېلىپ كېلىدىغان 8 چوڭ خەتىرى

    يوللانغان ۋاقتى: 2016-08-08 10:53:59 كۆرۈلۈشى: 8394
    تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمى يۇقىرى بولغان بۈگۈنكى كۈندە قەۋزىيەت ھەرگىزمۇ يېڭى تېما ھېسابلانمايدۇ. گەرچە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولسىمۇ، ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەت بولۇشنىڭ خانىم-قىزلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر قىلىپلا قالماي، زەھەرنىڭ ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىشىنى چەكلەپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەۋزىيەتنىڭ خانىم-قىزلارغا ئېلىپ كەلگەن خەتىرى ئاساسلىق تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
    1. ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش ۋە باشقا ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
    بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىق ھەر قېتىملىق چوڭ تەرەتتە كۈچىگەنلىكتىن، ئۈچەي چارچايدۇ، مەقئەت يىغىلىشى بەكلا چىڭ بولۇپ، داس بوشلۇقى ئاستى قىسمى تارتىشىپ قېلىش خاراكتېرلىك يىغىلىشتىن بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا خانىم-قىزلاردىكى ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش، جىسىي يولدا تارتىشىش بولۇش، سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. 
    2. زەھەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ
    قەۋزىيەت بولغاندا بەدەندىكى زەھەر بەدەن سىرتىغا نورمال چىقىرىلالمايدۇ ياكى چىقىرىلىشى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، بەدەندىكى توكسېن مىقدارى كۆپىيىپ، بەدەن مېتابولىزمىنىڭ قالايمىقان بولۇش، ئىچكى ئاجرالما خىزمىتى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش، مىكرو ئېلمىنېتلار تەڭپۇڭسىز بولۇش سەۋەبىدىن تېرە پىگمېنتى توپلىشىپ قىلىش، قىچىشىش، رەڭگىرويى نۇرسىز بولۇش، چاچ قۇرغاق بولۇپ يېرىلىش، سېرىق داغ چۈشۈش، دانىخورەك چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا بەدەننىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    3. مېڭە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
    قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا، مېتابولىزم قالدۇقلىرى ھەزىم قىلىش يولىغا يىغىلىپ قېلىپ، باكتېرىيەنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق زەھەرلىك ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن مېتان، فېنول، ئاممىياك قاتارلىقلار، بۇ ماددىلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمى نېرۋا سىستېمىسىغا تارقىلىپ، مېڭە ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىش، دىققىتى چېچىلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    4. مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ 
    قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا، تەرەت قىلىش تەسكە چۈشۈپ، چوڭ تەرەت قاتتىق ۋە قۇرغاق بولۇپ، بىۋاسىتە تۈز ئۈچەي ۋە مەقئەت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن تۈز ئۈچەي ياللۇغى، مەقئەت يېرىلىش، گىمىروي قاتارلىقلار.  
    5. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ
       قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا، چوڭ تەرەت نورمال ماڭماي، زەھەرلىك ماددىلار ئاشقازان-ئۈچەيگە يىغىلىپ قېلىپ، ئىشتىھاسىزلىق، قورساق كۆپۈش، ئېغىز پۇراش، ئېغىز قۇرغاق بولۇش قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    6. چوڭ تەرەت جاراھىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
    قاتتىق بولغان چوڭ تەرەت ئۈچەي بوشلۇقىنى بېسىۋېلىپ، ئۈچەي بوشلۇقى تارلىشىش ۋە داس بوشلۇقى تۈزۈلمىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بوغماق ئۈچەي كېڭىيىشىنى توسۇپ، تۈز ئۈچەي ياكى بوغماق ئۈچەينىڭ بېسىلىپ قىلىشىدىن چوڭ تەرەت جاراھىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۈچەيدە تېشىلىش كۆرۈلىدۇ.
    7. بوغماق ئۈچەي راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ 
    قەۋزىيەت سەۋەبىدىن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بەدەن سىرتىغا نورمال چىقالماي، ئۈچەيدە تۇرۇپ قالىدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قەۋزىيەت ئەھۋالى ئېغىر بىمالارنىڭ %10 بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولىدىكەن.
    8. يۈرەك-مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ 
    قەۋزىيەت بولۇپ، چوڭ تەرەت قىلغاندا كۈچەش سەۋەبىدىن يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئېشىپ ماڭىدۇ. مەسىلەن يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭىگە قان چۈشۈش، شامالدارىش قاتارلىقلار.
    سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەيلى قەۋزىيەتنى داۋالاشتا بولسۇن ياكى ئالدىنى ئېلىشتا بولسۇن، يېمك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر. سۇ تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، مەسىلەن مېۋە-چىۋە، سەي كۆكتات قاتارلىقلار. يىرىك زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشنىڭمۇ قەۋزىيەتكە پايدىسى بار.  

    مەزمۇننى ياقتۇرغان بولسىڭىز ساقلىۋېلىڭ. كېيىن ئاسان تاپالايسىز.

    باشقىلارنىڭ باھالىرى

    ئەڭ يېڭى يازمىلار

    باشقىلار ئەڭ ياقتۇرغان يازمىلار
    بايانات

    قەۋزىيەت دەملىمىسى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات بولۇپ، دانىيەدىن ئەسلى ئورالمىلىق ۋە دۆلىتىمىزدە قاچىلانغان ئىككى خىلى كەڭ ئىتېمالچىلارغا تەمىنلەندى.
    بالىلار، چوڭلار، ياشانغانلار ئۈچۈن رېتسىپلاشتۇرۇلغان، ئەكىس تەسىرى يوق، ئۈنۈمى ياخشى. ئەگەر قەۋزىيەت دەملىمىسىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 13139888273 گە تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

    باش بەتكە قايتىش

    خەير-خوش قەۋزىيەت، خەير-خوش بىئاراملىق