نىمىشقا ℃736
نىمىشقا
غۇجى مۇھەممەد مۇھەممەد
نىمىشقا بېشىمدا ئەجەل سايىسى،
بىر نۆۋەت ئۆلۈشكە بولمايدۇ نىسىپ؟
نىمىشقا سۆيگۈگە تولغان يۈرىكىم
سىغىنىش ئىلكىدە كېتىدۇ سېسىپ؟
نىمىشقا تەشنالىق، ھەسرەت ئىلكىدە
كۈتىمەن پەرۋاسىز كەتكەن شامالنى؟
كۆتۈرۈپ يۈرىمەن نىچۈن بىر ئۆمۈر
قەلبىمدە تۇنجى رەت ئۆلگەن ئايالنى؟
نىمىشقا دۇنيادا پەقەتلا ناخشا
جېنىمنى ئالغۇچى جاللاتتۇر گويا؟
نىمىشقا
يېرىلغان تاملارغا كېلەر ھەۋىسىم
يىرتىلغان كىيىمدىن ئالغاندەك لەززەت،
سۇغا سۇ كىرگەندەك …
2011.05.13
يازمــا ئاۋاتلىقى :
ئەزىزجان ئابلىز
ئەزىزتارىم
ئالىم
ئالىم
uytegen
بىگان
ھاجى
بەختەم