قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، يېمەكلىكلەرنى قانداق تاللاش، دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قانداق ئوزۇقلىنىشتىكى ئوزۇقلىنىش تەرتىپىمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئۇنداقتا، دىئابېت بىمارلىرىنىڭ توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش تەرتىپى قانداق بولسا ياخشى بولىدۇ؟ ئاۋۋال سەي-كۆكتات يېيىش كېرەك نېمە ئۈچۈن دىئابېت بىمارلىرى تاماق يېگەندە ئاۋۋال سەي-كۆكتات يېيىشى كېرەك؟ چۈنكى سەي كۆكتات تەركىبىدە ئوزۇقلۇق تالالىرى مول بولۇپ، ئاۋۋال سەي-كۆكتات يېگەندە تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى بولۇپ، سەي-كۆكتاتتىن كېيىن يېمەكچى بولغان ئاساسىي تاماق (主食) نىڭ مىقدارىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.
ئاساسىي تاماق ئازراق سۇيۇق، كۆپرەك قورغاق بولىدۇ ئاساسىي تاماق تەركىبى ئاساسلىقى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى (碳水化合物) بولۇپ، ھەر خىل ئۇن تاماقلىرى، گۈرۈچ تامىقى، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي تاماق تۈرىگە كىرىدۇ. ئۇلار قارىماققا ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن قايسى خىل ئاساسىي تاماقنى يېيىشنىڭ پەرقى يەنىلا چوڭ. ئاساسىي تاماقنى تاللاشتا، چوقۇم ئازراق سويۇق، ئەمما كۆپرەك قورغاق تاماقلارنى تاللاش كېرەك. تائام تالاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، مەسىلەن، گۈرۈچ تاماقلىرى. بۇ خىل قارا ئاشلىقلارنىڭ ئاشقازاندىكى ھەزىم بولۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولغانلىقتىن، قەنت شېكىرى كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر تۆۋەن ھەم قان شېكىرىگە بولغان تەسىرىمۇ ئاستا بولغانلىقتىن، دىئابېت بىمارلىرىنىڭ تاماقتىن كېيىنكى قاننىڭ ئۆرلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىدۇ. ماقالە مەنبەسى: http://www.eldawa.com | ماقالە ئادرېسى: http://cuisine.eldawa.com/guide/2012/0109/1558.html
|