گۆش تۈرىنى چەكلىمەسلىك كېرەك كۆپ ساندىكى دىئابېت بىمارلىرى گۆشنىڭ تەركىبىدە ماي مىقدارى كۆپ بولىدۇ دەپ قارىغاچقا، دائىم گۆش يېمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش ئىلمىي ئەمەس. دىئابېت بىمارلىرى گۆش يېسە بولىدۇ، ئەمما كۆپ ياغلىق ۋە يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك. شۇڭا، گۆش تىپىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاساسىي تاماقتىن كېيىن يېيىش كېرەك. دىئابېت بىمارلىرى مەلۇم مىقدارىكى ئاساسىي تاماقنى يېگەندىن كېيىن، يېمەكچى بولغان گۆش مىقدارىمۇ تەبئىي ئازلايدۇ (بىمار ئاللىبۇرۇن تويۇنۇپ بولغاچقا گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلالمايدۇ) ئۇنىڭدىن باشقا، بېلىق، گۆشنى پىشۇرۇشتىمۇ سۇس بولغان پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. مەسىلەن، سۇس ئوتتا پىشۇرۇش، سۇدا پىشۇرۇش دېگەندەك. مايدا پىشۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا شۇرپا ئىچىش كېرەك شورپىنى ئەڭ ئاخىرى ئىچىش كېرەك. چۈنكى ئاۋۋال شورپا ئىچكەندە، ناھايىتى تېزلا تويۇنوش ھېس قىلغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق ئاچلىقنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قاننى كونترول قىلىشىغا پايدىسىز. ماقالە مەنبەسى: http://www.eldawa.com | ماقالە ئادرېسى: http://cuisine.eldawa.com/guide/2012/0109/1558_2.html |