قەۋزىيەتنى داۋالاش
قەۋزىيەت مەخسۇس بىر خىل كىسەللىكتىن بولماستىن ،بەلكى سەۋەبى مۇرەككەپ بولغان بىر خىل كىسەللىك ئالامىتىدۇر ،بۇنىڭدا چوڭ تەرەت ئاز ۋە قۇرۇق ،قاتتىق كىلىدۇ،ياكى بىر نەچچە كۈندە بىر قېتىم كىلىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى :
رېتسىپ 1:
سەۋزىنى كۆپ ئىستىمال قىلسا ،قەۋزىيەتنى يۇقىتىدۇ.
رېتسىپ2:
بەسەينى كۆپ يەپ بەرسە ،قەۋزىيەتنى يۇقىتىدۇ.
رېتسىپ3:
ماشنى پىشۇرۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ ،بادام مېغىزى بىلەن يەپ بەرسە،قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
رېتسىپ4:
تاتلىقياڭيۇنى قوقاستا پىشۇرۇپ يەپ بەرسە،قەۋزىيەتكە شىپا قىلىدۇ.
رېتسىپ5:
بەش دانە ياڭاق مېغىزىنى 50گىرام ئاق شىكەر بىلەن قۇشۇپ يانجىپ،خېمىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئاندىن 50گىرام سېرىق ھاراق قۇشۇپ ،سۇس ئوتتا 10مىنوت قاينىتىپ،كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن خالىغان ۋاقىتتا تەييارلاپ يىيىلسە،ئادەتتىكى قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
رېتسىپ6:
بالىلاردا قەۋزىيەت كۈرۈلسە،بىر داس ئىسسىق سۇ تەييارلاپ،بالىنىڭ ساغرىسىنى ئىككى مىنپت سۇغا چىلاپ چىقىرىۋېلىپ،ئىككى يېرىم مىنوتتىن كىيىن يەنە سۇغا چىلاپ ، مۇشۇ ئۇسۇل بىر قانچە قېتىم تەكرارلانسا ،قەۋزىيەت تۈگەپ چوڭ تەرەت ياخشىلىنىدۇ.
رېتسىپ7:
ئازراق شىكەر سۈيى ئىچسە،قەۋزىيەتكە ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.
رېتسىپ8:
ھەر كۈنى ئەتىگەندە باناندىن 1-2نى ئىستىمال قىلىپ بەرسە،قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
رېتسىپ9:
ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت بولسا،ھەر كۈنى سەھەردە بىر پىيالە قايناق سۇغا ئازراق تۇز سېلىپ 15-20كۈن ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسە بۇلىدۇ.
رېتسىپ10:
كۈندە ئەتىگەندە بىر ئىستاكان قايناق سۇغا ،ئاز مىقداردا تۇز تېمىتىپ ئىچسە ،ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتنى يۇقاتقىلى بۇلىدۇ.
رېتسىپ11:
قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغان ئاغرىقلار بانان،شاپتۇل،نەشپۈت قاتارلىق مىۋىلەرنى يەپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئائىلىدىكى رېتسىپلار ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى. |