يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى(WHO) قارمىقىدىكى خەلقئارالىق راك كېسىلىنى تەتقىق قىلىش ئورنى يانفوننى « راكنى پەيدا قىلغۇچى بۇيۇم » قاتارىغا كىرگۈزدى ھەمدە ئۇنى نېرۋا يىلىم ماددىسى ئۆسمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، دەپ قارىدى. بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم يانفون رادىئاتسىيىسىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يانفون كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان رادىئاتسىيە مىسلى كۆرۈلۈپ باقىمىغان دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، ھازىر يانفون ئىشلىتىۋاتقان ئادەم 5 مىلياردقا يېتىدىكەن. ئالدىنقى يىلىلا دۆلىتىمىز ئىچىدە يانفون ئىشلەتكۈچىلەر 700 مىليوندىن ئاشقانىدى. يانفوننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، يانفون رادىئاتسىيەسى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشمۇ بارغانسېرى توختىمايۋاتىدۇ.
2009-يىلى، شىۋىتسىيە ۋە بىرقانچە ياۋروپا دۆلەتلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يانفوننى 10 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن ئادەملەرنىڭ مېڭە راكى ياكى ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گىرىپدار بولۇش خەتىرىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. گوللاندىيەنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يانفون رادىئاتسىيەسى ئۇخلىيالماسىلىق، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك، ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىكى، بالىلاردىكى بىنورمال ھەرىكەت قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 2010-يىلى 3-ئايدا، ئەنگىلىيە راك كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى مۇنداق ھەيران قالارلىق بىر نەتىجىنى ئېلان قىلغان. يەنى يانفون ئىشلەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى تاماكا چېكىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. بۇ خەۋەر ھازىرغا قەدەر يانفون ھەققىدىكى ئەڭ ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ يىل يىل بېشىدا فرانسىيە، گىرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنى يانفوننى زىيادە كۆپ ئىشلەتمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. يانفوننىڭ راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا يەنە ئاز بولمىغان ئالىملار بۇرۇنقى قارىشىدا چىڭ تۇرماقتا، ئەنگىلىيە راك كېسەللىكى تەتقىقات مەركىزى سەھىيە ئۇچۇرى بۆلىمىنىڭ مەسئۇلى ئەيدى يوڭ (埃德•勇) : "ھازىر بار بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرى تېخى يانفون بىلەن راك كېسىلى توغرىسىدا مۇقەررەر چېتىشلىق بارلىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ" دىگەن. يەنى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىگە قارىغاندا، يانفون ئىشلەتكەن ئادەملەر بىلەن ئىشلەتمىگەنلەرنىڭ مىڭە پارالىچى بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئوخشىشىپ قالىدىكەن. گەرچە ھازىرغا قەدەر يانفوننىڭ راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى "مۇمكىنچىلىك" پەللىسىدە بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارى راك كېسىلى بىلەن يانفوننىڭ مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. خەلقئارالىق راك كېسىلىنى تەتقىق قىلىش ئورنى باشلىقى كىرىستوف. ۋات(克利斯朵夫•瓦尔德) : " دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارى يانفوننىڭ تەن سالامەتلىككە بولغان يۇشۇرۇن تەسىرى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەتقىقات ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى."
|