كۆپلىگەن سېمىز بالىلارنىڭ بويۇنى دائىم قارىداپ قالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى بولماستىن، بەلكى ئىنسولىن (胰岛素) نىڭ قارشى تۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا تېرىگە قارامتۇل كۈلرەڭ داغ چۈشۈش كېسىلى (黑棘皮病) نىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان «2-قېتىملىق جوڭگۇ ئاستا خاراكتىرلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونتىرول قىلىشنى باشقۇرۇش مۇنبىرى»دە، بېيجىڭ شې خې دوختۇرخانىسى دىئابېت كېسەللىك مەركىزىنىڭ مۇدىرى شىياڭ خوڭدىڭ مۇدىر ناھايىتى تەشۋىشلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلىتىمىزدىكى سېمىزلىك كېسەللىكلىرىنىڭ سانى تەدرىجىي ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. بالىلاردىكى تېرىگە قارامتۇل كۈلرەڭ داغ چۈشۈش كېسىلى (黑棘皮病) دىمۇ ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئىنسولىن (胰岛素) نىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %5-%10 سېمىز بالىلاردا كېسەللىك بايقالغان. كېسەل بولغان بالىلارنىڭ بويۇنى، جەينەك ۋە ئەمچەك ئاستىدىكى تېرىسى يېرىك، قارا بولۇپ، دائىم تەبئىي بولغان قارا ياكى پاكىز يۇمىغانلىق دەپ خاتا قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ. چەتئەل تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىزلىك كېسىلى ياكى تېرىگە قارامتۇل كۈلرەڭ داغ چۈشۈش كېسىلى (黑棘皮病) بولغانلار چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر تەكشۈرۈشتىن كېيىن قان قەنتى نورمال بولسا، ھەرىكەت ۋە ئۇزۇقلۇققا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا بىر قىسىم ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئىمكان قەدەر ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرنى كۆپرەك ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن، پىيادە مېڭىش، مۇۋاپىق مىقداردا ئائىلە ئىشلىرىغا قاتنىشىش، لىفىتقا چىقماي پەلەمپەيگە چىقىش، تەركىبىدە ماي مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش قاتارلىقلار.
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ تېرىگە قارامتۇل كۈلرەڭ داغ چۈشۈش كېسىلى (黑棘皮病) مۇ تەدرىجىي يوقايدۇ شۇنىڭدەك بىرلا ۋاقىتتا دىئابېت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى: تېرىگە قارامتۇل كۈلرەڭ داغ چۈشۈش كېسىلى (黑棘皮病) گە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى چۈشكەندىن كېيىن، تېرىسىنىڭ رەڭگى ئەسلىگە قايتماي، «ئۈچ كۆپ بىر ئاز» كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلسە چوقۇم نوپۇزلۇق دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك. بولۇپمۇ سېمىز، يۇقىرى قان بېسىمى بار ياكى دىئابېت كېسىلى بارلار بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھازىر دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ياشانغانلار بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى دىئابېت كېسىلى بىر خىل ئىرسىي كېسەللىك بولۇپ، ئەۋلادلارغا بولغان تەسىرى ئېغىر |