ئۇيقۇسىزلىق
ئۇقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ،يىغىنچاقلىغاندا،مىڭىگە زىيادە قۇرۇقلۇقنىڭ يىتىشى ،ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكۈر ۋە سۇزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنىڭ دىۋاگەرچىلىكىدىن كىلىپ چىقىدۇ.كىچىنى كۆزنى يۇمماي ئۆتكۈزۈش ياكى كۆز يۇمۇش بىلەن غەيرىي چۈش كۈرۈش،1-3سائەتنى ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ،بىر كىچە-كۈندۈزنى ئۇيقۇسىزلىق بىلەن ئۆتكۈزۈش ،بۇ كىسەللىكنىڭ ئالامىتى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ.
داۋالاش:
رېتسىپ1:
ھەې قېتىم ئۇخلاشتىن بىر بىر سائەت ئىلگىرى يەتتە دانە سوقا چىلاننى ئۇرۇقچىسى بىلەن بىرگە ئىستىماك قىلسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
رېتسىپ2:
كۈندە كەچ بىر قېتىم گۈل يېغى ياكى تاتلىق بادام يېغى بىلەن چىكە ئەتراپىنى ياغلىسا كىسىلى شىپا تاپىدۇ.
رېتسىپ3:
كۈندىلىك تامىقىغا مۇۋاپىق مىقداردا تاتلىق بادام يېغى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىڭ.
رېتسىپ4:
كۈندە كەچ يېتىشىنىڭ ئالدىدا تىزنىڭ تۆۋەنكى قىسىمىنى ئىلمان سۇغا 5-15 مىنۇتقىچە چىلاپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
رېتسىپ 5:
تۇلۇق پىشقان ئاق ئۈجمە مۇرابباسىنى كۈندە ئىككى قېتىم ،ھەر قېتىمدا 15-30گىرام ئىستىمال قىلسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
رېتسىپ6:
بادام مېغىزى،ناۋات قاتارلىق دورىلارنى ھەرقايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،سۇقۇپ تاسقاپ،سۇفۇپ تەييارلاپ، كۈندە كەچ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا،ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بۇلىدۇ.
رېتسىپ7:
يېڭى لىموننى پۇرىسا ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ،روھىنى ئۇرغىتىپ ،يۈرەكنى شاتلاندۇرىدۇ.
مەنبە. خەۋەر تورى |