باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش

بېكەت ئۇقتۇرۇشى
  قاش ئارقىلىق سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ
  چىرايدىن ساغلاملىق ھالىتىنى بىلگىلى بولىدۇ
  ھامىلىگە زىيانلىق خىزمەتلەر
  ئاياللارنىڭ تېرىسىنى ئاقارتىدىغان 10 تۈرلۈك يىمەكلىك
  60 ياشقا كىرسىڭىزمۇ يۈزىڭىزدە قورۇق يوق ھالەتتە تۇرۇشنىڭ سىرى
  ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش..........
  ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە داۋالاش
  مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى
  بويۇن قارىداپ قالسا قان قەنت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش كېرەك
  يانفون « راكنى پەيدا قىلغۇچى بۇيۇم » قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

مەسلىھەت سورالغان سوئاللار
تېخى مەسلىھەت سورىغانلار يوق !
 
60 ياشقا كىرسىڭىزمۇ يۈزىڭىزدە قورۇق يوق ھالەتتە تۇرۇشنىڭ سىرى
قوشۇلغان ۋاقتى : 2013-2-22      كۆرۈلۈشى :8633
      

نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ يۈزىگە بۇلۇپمۇ كۆز قىسىمى ئەتىراپىغا 25 ياشتىن باشلاپ قورۇقنىڭ ئىزلىرى پەيدا بۇلىدۇ؟

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاياللارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ، تېرىسى يىرىكلىشىش، قۇرغاقلىشىش، سۇ كەمچىلىك، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ناچار بۇلۇشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدىكەن.

يۈز قىسىمىدىكى قورۇقنىڭ پەيدا بۇلۇش تەرتىپىنى سۆزلىگەندە: 20 ياشتىن باشلاپ ئوڭ-سول پىشانىسىدە ئىنىچكە قورۇقنىڭ ئىزلىرى پەيدا بۇلۇشقا باشلايدىكەن. 30ياشتا بۇ پىشانىدىكى قورۇقلار كۆپۈيۈشكە ۋە چوڭقۇرلاشقا باشلايدىكەن، شۇنداقلا كۆز قۇيرۇقى ئەتىراپىدىمۇ قورۇق كۆرىلىدىكەن. 40 ياشتا بولسا بۇ قورۇقلا تېخىمۇ ئېنىقلىشىش بىلەن بىرگە يۈزىدە باشقا قورۇقلارمۇ پەيدا بۇلىدىكەن. 50 ياشتا بۇرۇن ۋە ئېغىز ئەتىراپىدىكى قورۇقلار چوڭقۇرلۇشۇپ، ئويما بۇلۇشقا باشلايدىكەن. 60 ياشتىن باشلاپ بۇ يۈز قىسىمىدىكى قورۇقلار كۈچۈيۈپ بارىدىكەن.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بۇلىدىكى ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى قورۇقنى ئازايتىش باسقۇچى 20 ياشتىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلسا ئۈنىمى ياخشى بۇلىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قورۇق چۈشۈشنىڭ سەۋەبى بولسا ئاساسلىقى يۈز تېرىسىدىكى سۇنىڭ كەمچىل بۇلىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن، شۇڭا يۈز يۇيغاندا سۇنى ياخشى سىڭدۈرسىڭىز، سۇ ساقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولغان سۇ تۇللۇقلاش گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسىڭىز يۈزىڭىزدىكى قورۇقنىڭ چۈشۈش ۋاقتىنى كىچىكتۈرۈش رولى بار ئىكەن.

كۆز ئەتىراپىدىكى قورۇقلارغا كەلسەك كۈندە كەچلىكى ياكى ئەتىگىنى باش بارمىقىڭىز بىلەن كۆزىڭىزنىڭ ئاستى تەرىپىدىن باشلاپ ئۈستىگە سىرىش ھەركىتىنى قىلىپ بەرسىڭىز پايدىلىق ئىكەن.

ئەلۋەتتە قورۇق چۈشۈشنى ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراسېيەسىدىن باشقا گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلىتىپ پۈتۈنلەي يۇقۇتۇش مۇمكىن ئەمەس.لېكىن تېرىڭىزنى ئاسىراپ ياخشى بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ، يۈز تېرىڭىزنىڭ نەملىكىنى ياخشى ساقلىسىڭىز، كەيپىياتىڭزنى ياخشى تۇتسىڭىز قورۇق چۈشۈشنى كىچىكتۈرەلەيسىز، ھەم قورۇقنى ئازايتالايسىز.

خەۋەر تورى

دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز