باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش

تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇچۇرلېرى
  كۆپ ئېھتىلام بۇلۇش ۋە ئۇنى داۋالاش (كەسىرەتى ئېھتىلام
  جەلىق(ئانانىزىم ) نى تۇنۇش ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش
  بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى
  شىپالىق رىتسىپلار
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(2)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(3)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(4)
  يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى
  ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمىي رېتسىپلىرى
 
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(2)
قوشۇلغان ۋاقتى : 2012-1-17      كۆرۈلۈشى :2124
      

3) ﺷﺎخ ۋە ﻗﻮۋزاق ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﺷﺎى ۋە ﻗﻮۋزاق ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻛﯜزدە ﻳﻮﭘﯘرﻣﯩﻘﻰ ﺳﺎرﻏﯩﻴﯩﭗ، ﺋﻮﺗﺎﻧﻠﯩﺮى ۋە ﻗﻮۋزﯨﻘﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
ﺷﺎخ ۋە ﻗﻮۋزاق ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﻮﺑﺪان ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪن ﻧﻮﺗﯩـلارﻧﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ، ﻧﯧﭙﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮاپ ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ، ﻗﻮۋزاﻗـلارﻧﻰ ﭘﺎرﭼﯩـلاپ ﺗﻮﻏﺮاپ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ، ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﯚرۈپ، ﺋﺎرﯨـلاﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرۇش لازﯨﻢ.
ﺷﺎخ ۋە ﻗﻮۋزاق دورﯨـلارﻧﻰ ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﺋﻮﺑﺪان ﻗﯘرﯨﻐﺎن ﺷﺎخ ۋە ﻗﻮۋزاق دورﯨـلارﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎرﯨـلاﺷﻤﺎ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﻠﻐﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻟﮕﻪﻛﺘﻪ ﺗﺎﺳﻘﺎپ، ﭼﯩﭙﺘﻪ ﺗﺎﻏﺎر ۋە ﻗﺎﭼﯩـلارﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩـلاپ، ﻧﻪم ۋە ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺳﺎﻗـلاش، ﺳﺎﻗـلاش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺋﯩﺸﯩﻚ - دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﮬﺎۋا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرۇش، ﻗﯘرت ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﺘﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗـلاش ﻛﯧﺮەك.
 

4) ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى
ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﺪا ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚزدە ﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮلاپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﻪزى ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﭘﻮﺳﺘﯩﻨﻰ دورﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ(ﺑﻪدﯨﻴﺎن ﻳﯩﻠﺘﯩﺰى ﭘﻮﺳﺘﻰ، ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺑﯩﺦ ﻛﻪﺑﯩﺮ، ﻛﻪرەﭘﺸﻪ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰى ﭘﻮﺳﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺎر ﻳﯩﻠﺘﯩﺰى ﭘﻮﺳﺘﻰ) ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﻮلاپ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﮬﯚل ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﭘﻮﺳﺘﯩﻨﻰ ﺳﻮﻳﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﭼﺎڭ - ﺗﻮﭘﯩـلاردﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺟﺎﻳﺪا ﻛﯜن ﻧﯘرﯨﺪا ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ.
ﻳﯩﻠﺘﯩﺰى دورﯨـلارﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎن ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ دورﯨـلارﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰە ﻳﯘﻳﯘپ ﺳﻪل ﻗﯘرۇﺗﯘپ ( ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻗﯘرۇﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺷﺎﻣﺎﻟﺪاﺗﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ) ﻧﯧﭙﯩﺰ ﻳﺎﭘﯩـلاﻗـلاپ ( ﺋﯘزۇﻧﻠﯩﻘﻰ 1 ~ 3 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ) ﺑﻮرا ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎم ﺧﻪﺳﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﻗﯘرۇﺗﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺋﯚرۈپ - ﭼﯚرۈپ ﺗﯘرۇپ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺋﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻗﯘرۇﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈش ﻛﯧﺮەك.
ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ دورﯨـلارﻧﻰ ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﻗﯘرۇﻏﺎن، ﻧﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ دورﯨـلارﻧﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﭘﺎﻛﯩﺰلاپ، ﺗﺎﺳﻘﺎپ ﭼﯩﭙﺘﻪ ﺗﺎﻏﺎرلارﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩـلاپ ﮬﺎۋاﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﺪا ﺳﺎﻗـلاش، ﭘﺎت - ﭘﺎت ﮬﺎۋا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرۇش، ﺋﯚﺗﻜﯜر ﻛﯜن ﻧﯘرى ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎﻳـلاردا ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻗﯘرت ﭼﯜﺷﯜش ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺮەﻛﺴﯩﺰ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.


دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز