باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش

تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇچۇرلېرى
  كۆپ ئېھتىلام بۇلۇش ۋە ئۇنى داۋالاش (كەسىرەتى ئېھتىلام
  جەلىق(ئانانىزىم ) نى تۇنۇش ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش
  بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى
  شىپالىق رىتسىپلار
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(2)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(3)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(4)
  يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى
  ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمىي رېتسىپلىرى
 
شىپالىق رىتسىپلار
قوشۇلغان ۋاقتى : 2012-1-17      كۆرۈلۈشى :7293
      

بۇرۇن ياللۇقى چېيى: زوپا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئەنجۈر قېقى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، گۈل بىنەپشە، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، گاۋزىبان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشە باھار ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بۇرۇن ياللۇقىدىكى بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇن ئۇچى قىزىرىش، چۈشكۈرۈش، تولا زۇكام بولۇش قاتارلىقلاردا مەنپەئىتى بولىدۇ.

 ھازىرقى بازار باھاسى-  ھەر 100 گىرامى : 20 كوي تەييار بولىشى مومكىن.

ئۆت ياللۇقى چېيى: كاسىنە يېلتىزى، ئارپا بەدىيان، چىڭسەي يېلتىزى، گاۋزىبان، ئەنگۈر شىپا، كاكىنەچ، يالپۇز،  پىننە، لاچىندانە، ئوغرىتېكەن، چىڭسەي ئۇرۇقى 10 گىرامدىن؛ سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىل گۈل، زېرىق قاتارلىقلاردىن 5 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىلىدۇ. بۇ چايلىقنى داۋاملىق ئۇسسۇلۇق ئۈچۈن ئىچىپ بەرسە ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئىچىپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ. بۇ ھەر قانداق مىجەزدىكى ئۆت خالتا ياللۇقى بىمارلىرىنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.

 بازار باھاسى: ھەر 100گىرامى 20 يۈئەن تەييار بولىشى مومكىن.


زېققە چايلىقى: خەشخاش ئۇرىقى، بىخ بەدىيان، بىخكەرەپشە، بىخسۇس مۇقەششەر، بىخسەۋسەن، ئارپابەدىيان، رۇمبەدىيان، تۇخۇمى كەرەپشە 10گىرامدىن؛ پوستىخەشخاش 15گىرام؛ زۇپا ھىندى 30گىرام؛ پىرسىياۋشىيان 30گىرام؛ نىلوفەر 15گىرام؛ گۈلبىنەپشە 30گىرام ئىلىپ چايلاپ تەييارلاپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قايناتقان چايغا ئىككى قوشۇق قىزىل گۈلقەنت سىلىپ ئىچىلىدۇ.  زېققە، ئۆپكە-كاناي شاخچىلىرىدىكى ھەر خىل ئىللەتلەر ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەسىرى: ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، دەم سىقىلىش، قىزتما ، يۆتەل، زۇكام قاتارلىقلاردا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت بىرىدۇ.

بىر نۇسقا چايلىق رېتسىپى - 45 يۈئەن ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن.

سۈت كۆپەيتىش چايلىقى: سەۋزە ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، ئارپا بەدىيان، سېرىق چېچەك، زېرە قاتارلىقلار 10 گىرامدىن. قورۇغان نۇقۇت تالقىنى ئىككى قوشۇق، ياڭاق ئىككى دانە.
نوقۇت ، ياڭاق تالقانلىرىنى بىر چىنىگە سىلىپ باشقا خۇرۇچلاردا تەييارلىنىپ دەملەنگەن قىززىق چاينى ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. (قاينىتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ)
سۈتى ئاز تۇغۇتلۇق ئاياللار ئىچىپ بەرسە قۇۋۋەت بولىدۇ، سۈتىنى تېز كۆپەيتىدۇ. سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىۋىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.

300 گىرامى 40 كوي ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن.

ئەتتىگىنى ئېغىز پۇراپ قېلىشقا پايدىلىق چايلىق: لاچىندانە، يالپۇز، پىننە، جىگدە چېچىگى، قەلەمپۇر، زىرە، ئاپلىسىن پوستى، ئاقمۇچ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سوقۇپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلاپ بۇزۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ. ئاشقازان، ئۆت خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بولىدىغان ئېغىز پۇراشقا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان 100گىرامى: 20يۈئەن ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن

قەۋزىيەت چايلىقى: يالپۇز، سانا، ئارپا بەدىيان، زاراڭزا چېچىگى، لاچىندانە. چاي دەملەپ سەل سوۋۇتۇپ ئاندىن بىر پىيالە چايغا بىر قوشۇق يانتاق ھەسىلى سىلىپ ئىچىلىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىدۇ. داۋاملىق ئىچىشنى ئادەت قىلسا ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.

سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان 100گىرام چايلىق 20 يۈئەن ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن.

ئىشتەي ئىچىش چايلىقى: زېرە، جۇۋۋىنە، پىننە، لاچىندانە، بەدىيان، قەلەمپۇر. چاي دەملەپ بىر پىيالىغا بىر قوشۇق بىھى شەربىتى قۇيۇپ ئىچسە ئاشقازاننى ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئىچىپ قورساقنى ئاچۇرىدۇ. تاماق سىڭدۈردۇ.

سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان 100 گىرام چايلىق 12 يۈئەن بىلەن تەييار بولىشى مومكىن.

 

  مەزى بېزى ياللۇقى چايلىقى: ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بىنەپشە، شاھتەررە، كاسىنە 15 گىرامدىن، نلوپەر، كاكىنەچ، چۆپىجىن، ئەنگۈر شىپا 30 گىرامدىن، بەدىيان، بەدىيان يېلتىزى، چىڭسەي ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىقلار 10 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق سوقتۇرۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە مەزى بېزى بىمارلىرىدىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش، تامچىلاش، بىسىمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ئىچىپ بىرىشىگە ماس كىلىدىغان بولۇپ ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈيدۈك ئىچىشىپ كىلىشنى پەسەيتىش خۇسۇسىيەتلىرى بار.

ھازىرقى بازاردا سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان بىر نۇسقا چايلىق 20يۈئەن بىلەن تەييار بولىشى مومكىن.

دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن چايلىقلار:

 

 1.رېتسىپ: سۆئلەپ مىسىرى30 گىرام، شاقاقۇل 30 گىرام، قىزىلگۈل6 گىرام، ياڭاق مېغىزى 60 گىرام، ئادەمگىياھ 6 گىرام.

ياڭاق مېغىزىنى ئايرىم تالقان قىلىۋېلىپ ، قالغان خۇرۇچلاردىن چايلىق سوقتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ھەر قېتىملىق چايغا ياڭاق مېغىز تالقىنىدىن بىر قوشۇقتىن سىلىپ ئىچىپ بىرىلىدۇ.

تەبئىتى: قۇرۇق ئىسسق.

قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. دىئابىد بىمارلىرىنىڭ ۋە باشقا بەدىنى ئاجىزلاپ قالغانلارنىڭ دەملەپ ئىچىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.

2.رېتسىپ: سۆئلەپ، شاقاقۇل، قىزىلگۈل، ياڭاق پاسىلى 10 گىرامدىن، بادىرەنجى بۇيا، ئۇستىقۇددۇس30گىرامدىن ئىلىپ چايلىق سوقتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىلىدۇ.

تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق

سۈيدۈكتىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، بكرەكنى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز