باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش

تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇچۇرلېرى
  كۆپ ئېھتىلام بۇلۇش ۋە ئۇنى داۋالاش (كەسىرەتى ئېھتىلام
  جەلىق(ئانانىزىم ) نى تۇنۇش ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش
  بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى
  شىپالىق رىتسىپلار
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(2)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(3)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(4)
  يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى
  ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمىي رېتسىپلىرى
 
بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى
قوشۇلغان ۋاقتى : 2012-1-17      كۆرۈلۈشى :14089
      

بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى


40گرام سۆلەپ مىسرى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.

2)  40گرام كۈدۈر، 20گرام زەنجىۋىل ئايرىم- ئايرىم سوقۇلۇپ، 200گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە بىر- ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئاشۇرىدۇ.

3)  100گرام تەرەنجىۋىل (يانتاق شېكىرى) مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئېرىتمە سۈزۈۋېتىلىپ 300گرام يېڭى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سۇس ئوتتا قويۇلغۇچە قاينىتىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىچىلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىق، تولا چۈش كۆرۈش، ئورۇقلۇق ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

4)  20گرام نوقۇت، 20گرام سۆلەپ مىسرى يۇمشاق سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، مەنى تۇتالماسلىققىمۇ شىپا بولىدۇ.

5) 20گرام شاقاقۇل، ئون گرام كاۋاۋىچىن، ئون گرام سەۋزە ئۇرۇقى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئەر- ئاياللاردىكى سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ.

6) ئالدى بىلەن 50گرام بادام مېغىزى، 50گرام پىستە مېغىزى، 30گرام پىياز ئۇرۇقى، 20گرام ئۇسۇڭ ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن بادام مېغىزى بىلەن پىستە مېغىزى ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ سوقۇلۇپ، 300گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قىتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، سەۋدادىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ.

7) 50گرام ياڭاق مېغىزى، 50گرام ئاقلانغان كۈنجۈت، 20گرام چامغۇر ئۇرۇقى، 20گرام زەنجىۋىل، 20گرام بىدە ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ. ياڭاق مېغىزى بىلەن كۈنجۈت ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇلۇپ، 400گرام ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئېستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.

8) 30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

يۇقۇرقى رېتسىپلارنى ئەرلەرلا ئىشلىتىپ قالماستىن، ئاياللار ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، دورا ئىستېمال قىلغۇچى دورىنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، ياش قۇرامى، بەدەن قۇۋۋىتىگە قاراپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە كۆرسىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشى لازىم.

دورىلارنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ھەسەلنى قاچىغا ئېلىپ، قاچىنى قايناۋاتقان سۇغا چىلاپ ھەسەلنى ئېرىتىپ، ھەسەلنىڭى كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ ھەسەل قولنى كۆيدۈرمىگىدەك دەرىجىدە سوۋۇغاندىن كېيىن، ھەسەلنىڭ ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىش، مەلھەم پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغىچە قاچىنىڭ ئاغزىنى ياپماسلىق كېرەك.

بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا سوغۇق سۇ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.


دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز