باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش

تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇچۇرلېرى
  كۆپ ئېھتىلام بۇلۇش ۋە ئۇنى داۋالاش (كەسىرەتى ئېھتىلام
  جەلىق(ئانانىزىم ) نى تۇنۇش ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش
  بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى
  شىپالىق رىتسىپلار
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(2)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(3)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(4)
  يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى
  ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمىي رېتسىپلىرى
 
جەلىق(ئانانىزىم ) نى تۇنۇش ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش
قوشۇلغان ۋاقتى : 2013-2-27      كۆرۈلۈشى :10461
      

 

تۇنۇش:   جەلىق( قولدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش) ئانانىزىم دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇلۇپ بۇ كىسەللىك ئەسەبىي كىسەللىكلەرگە مەنسۇپ بولغان سالامەتلىك ۋە ئۇمۇمى جەمىيەتكە زىيانلىق بىر خىل ئېغىر ئەخلاقسىزلىق ۋە ھايۋانىي نىقىس كىسەللىكتۇر.  ياشلار بالاغەتكە يىتىش ئالدىدا ۋە يىڭىلا بالاغەتكە يەتكەن چاغلاردا ئۇلاردا توغرا جىنسى ساۋات بولمىغانلىقى ، بۇزۇق ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ ئۈگىتىشى، رىغبەتلەندۈرىشى ئارقىسىدا ئۈەىنىپ قالىدىغان قەبىھ يامان ئادەتتۇر.

ئۇنىڭ سەۋەبى تۈۋەندىكىچە:  كۈپىنچە كىچىك بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ قىنسى مۇناسىۋەت قىلغانلىقىنى سىزىپ قېلىپ ، ھىسياتى بالاغەتكە يىتىشتىن بۇرۇن قوزغىلىپ قېلىپ قول بىلەن لەززەتلىنىش ياكى بىرەر نەرسىگە سۈركەش قاتارلىق سەۋەپلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شەھۋانى كىتاپ ژورناللارنى كۆپ ئۇقۇش، شەھۋانى سىنئالغۇ پىلىم لەرنى كۆپ كۈرۈش، بەزى بىر بۇزۇق ئەىلاقسز كىشىلەرنىڭ شەھۋانىيەت ھەققىدە قىلغان پاراڭلىرىنى كۆپ ئاڭلاش، كۆپ ھاللاردا يالغۇز قېلىش، ئۇزاق ۋاقىت ئاياللار بىلەن ئۇچراشماسلىق ، توي قىلماسلىق ۋە پاھىشۋازلىقتىن ، جىنسى جىنايەتتىن ۋە باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش   ۋە شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ بۇ نىقىس كىسەلگە مۇپتىلا بوپ قالىدۇ.

بۇ ئىشلار ئۇغۇللاردىلا بولماستىن ياش قىزلاردا، تۇل قالغان ئاياللاردىمۇ كۆپ كۈرلىدۇ.

جەلىق ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بىر خىل ئەسەبىي كىسەللىك بولسىمۇ، قول بىلەن لەززەتلىنىش ، سۈنئىي زەكەر ۋە سۈنئىي پىرىجىلەر بىلەن لەززەتلىنىش، ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن ئوينىشىپ لەززەتلىنىشقاتالىق يامان ئەھۋاللار بىلەن قىممەتلىك مەنىينى بىھۇدە سىرتقا چىقىرۋىتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا نىرۋا خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغى، جۇنۇن ( نىرۋىسى ئادىشىپ قېلىش ئەھۋالى) قاتارلىق خەۋىپلەرنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.

بۇ بەتقىلىق ئۇسۇلنى كۈندە بىر قىتىم قىلمىسا ئۇخلىيالمايدۇ. بۇ ئەھۋال تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىنمۇ ، ھەتتا ياشانغان ۋاقىتتىمۇ داۋاملىشىدۇ. جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسىمۇ قول بىلەن بىر قىتىم  لەززەتلەنمىسە جىنسى ھەۋەسكە قانالمايدۇ.

ئالامىتى:     

جەلىقكە ئادەتلىنىپ قالغان بىمارلار دەسلىپىدە ئۈزىنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىدۇ. كىيىنچە بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قېلىپ  كۈندۈزلىرىمۇ بۇنى قىلمىسا تۇرالمايدىغان ، قاتتىق خۇمار بۇلۇپ كەتكەن ۋاقىتلاردا ئۇرۇقدان خالتىشسى قىچىشىدىغان بۇلۇپ قالدۇ، قىچىشىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن قولنى ئاپارغان ۋاقىتتا شەھۋىتى قوزغىلىدۇ دە  جەلىق قىلماسلىققا نەچچە رەت بەل باغلىغان بولسىمۇ ، يالغۇز قالغان چاغدا شەھۋانى ھەۋىسى قوزغىلىپ كىتىپ جەلىق قىلىدۇ.شۇڭا بۇنى ئالىملار بىر خىل روھى كىسەللىك دەپ قارىغان.

تەسىرى:

بىمار كۈندىن كۈنگە ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئۇرۇقلايدۇ، چىرايى سارغىيىدۇ، كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ كىچىكلەپ قالىدۇ، بىمار خىيالچان بۇلۇپ باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى ياقتۇرمايدۇ، باشقىلارغا گەپ قىلغاندا يەرگە قارىۋالىدۇ، ئاتا-ئانىسى ئۆيلەپ قۇيۇشقا دەۋەت قىلسا قىزلار ئەرگە تىگىشتىن، ئۇغۇللار خۇتۇن ئېلىشتىن قورقىدۇ، ئۆيىدىن چىقىپ كىتىدۇ،  ئېغىر بوولغاندا ھەتتا باشقا خەتەرلىك ئەھۋاللارمۇ چىقىشى مۇمكىن......... پىشانىسى ۋە كۆز قۇيرۇقلىرىغا بالدۇر قوروق چۈشىدۇ، كۈزىنىڭ ئاستى قاپىقىغا قارا داغ پەيدا بوپ قالىدۇ،چىرايى ناھايتى سۇلغۇن، خىيالچان ، ئىرادە كۈچى ئاجىز ، قورقۇنچاق بۇلۇپ ئەقلى ئىقتىدارىمۇ تۈۋەنلەپ كىتىدۇ، ئەمما بۇ كىسەلنى ناھايتى يۇشۇرۇن تۇتىدۇ.جىنسى ئەزاسى دىگەندەك چۇڭايماي، بارغانسىرى كىچىكلىشىپ قالىدۇ، قولدا سۈركەۋەرگەندىن كىيىن جىنسى ئالەتنىڭ قان تۇمۇرلىرى كېڭىيىپ  تومپىيىپ قالغانلىقى ۋە يەرلىك ئۇرۇندا ماددا ئالمىشىش ، ئۇزۇقلىنىش ياخشى بولماي ئالەت ئۇرۇقلاپ بۇشاپ كىتىدۇ، تۇۋى ئىنچىكە باش تەرىپى توم، ۋە سىڭايان بوپ قالىدۇ، ئالەت بەك سەزگۈرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، مىنىي تىز كىتىدىغان ، ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلغاندا پەرجىگە داخىل بولماي تۇرۇپلا مەنىي ئېقىپ كىتىدىغان نەتىيجىدە ئەر ئايالنىڭ جىنسى تەلىپى قانمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەر خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يىتىدۇ.

ئاياللاردا جەلىق دەسلەپتە قىزلار پەرجىنى غىدىقلاش ، دىلچۇقنى  ئىشقاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشلىنىپ بارغانچە تەرەققى قىلىپ   ئېغىرلاشقاندا جەمىيەتتتىكى بىر قىسىم ئەخلاقسىز ( ئەركەك زەردەك) دەيدىغان ئىپلاس ئاياللار بىلەن ئورتاق جىنىسلىقلار جىماسىغا يىتىپ بېرىشى مۇمكىن ، بۇ خىل يامان ئادەتكە كۈنۈپ قالغان ئاياللار ئۆز يولدىشى بىلەن قىلغان جىنسى ئالاقىگە قانمايدىغان ، پۇرسەت تاپسىلا يۇقىرقىدەك ئەسكى ئاياللارنى ئىزدەيدىغان ، ئائىلە ، بالا، ئۇيات نۇمۇستىن پەرۋا قىلمايدىغان  بۇلۇپ قالىدۇ، ئاقىۋەت ئائىلىدە سۇغۇقچىلىق يۈز بىرىپ ئائىلە ۋەيران ، پەرزەنىتلەر سەرسان بۇلۇشتەك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر يۈز بىرىدۇ.

دىئاگنوز"

بۇ كىسەللىك بىلەن ئاغرىغۇچىلار كۈپىنچە كەم قانلىق، مەنىي ئېقىپ كىتىش قاتارلىق ئىللەتلەردىن شىكايەت قىلىپ داۋالىنىشقا  كىلىدۇ، ئۇلارنى ئەتىراپلىق تەكشۈرۈپ ، سەۋرىچانلىق بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ، بۇ كىسەللىككە گىرىپتار بولغۇچىلار كىشىلەردىن قاچىدىغان يالغۇزلۇقبى خالايدىغان، ئۆيلىنىش ۋە تۇرمۇشقا چىقىشنى خالىمايدىغان ، ۋە باش قا روھى ھالەتلەردىن كۈزىتىش ئارقىلىقمۇ  تەشخىسنى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ، بەدەن بەلگىسى جەھەتتىن بىمارنىڭ تۈۋەنكى قاپىقىدا كۆز جىيىكىنى بويلاپ قارامتۇل ھالقىسىمان قاراداغ پەيدا بۇلىدۇ، كۈرۈش قۇۋۋىتىمۇ بارغانچە ئاجىزلايدۇ.

داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش:

ئەلدىنى ئېلىشتا: كىچىك بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ شەرمى ھايالىق چوڭ قىلىش، كىچىك بالىلارنى 5-6 يېشىدىن باشلاپ ئايرىم ئۆيدە ياتقۇزۇش، تەلىم تاربىينى كۈچەيتىش، شەھۋانى رەسىملەر نى ئۇلارنىڭ ھوجرىسىدا قويماسلىق، شەھۋانى گەپ سۆز  بىھايا قېلىقلارنى يامان سۆز ھەرىكەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قىلماسلىق، مۇھەببەت ۋە شەھۋانىيەتكە ئائىت كىنۇو - پىلىملەرنى كۈرۈشكە يول قويماسلىق ، بىھايا ئەخلاقسىز بالىلار بىلەن بىللە ئارلىشىشىغا يول قويماسلىق لازىم.

داۋالاش:

كىچىك باللىلار يىڭىدىن بۇ ئادەتكە كۈنۈپ قالغان بولسا چىرايلىق گەپ قىلىپ  تەربىيە قىلىش، چۈشەندۈرۈش يوللىرى بىلەن بۇ خىل يامان ئادەتنى تاشلاتقۇزۇش، چوڭراق بالىلاردا كۈرۈلسە ۋە ئۇزۇراپ قالغان بولسا چىرايلىق تەربىيە بىرىش ۋە چۈشەندۈرۈش، كىسەللىكنىڭ ئاقىۋىتىنى تىنماي سۆزلەش، يەنە ئوڭشالمىسا مەجبۇرلاش ۋاستىسىنى قوللىنىش، ئىلاجى بار ئۇلارنى يالغۇز قويماسلىق بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل قىلىش لازىم.

دورا بىلەن داۋالاشتا بولسا:  

1. ئالدى بىلەن زەكەردىكى سىزىمنى تۈۋەنلىتىش ئۈچۈن گۈل يېغى بىلەن زەكەر ۋە ئۇرۇقداننى ياغلاش لازىم.

2. تەرخەمەك ئۇرۇقى 12 گىرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 15 گىرام ، بەدىيان 12 گىرام  بۇلاردىن دەملىمە تەييارلاپ بۇلارنى ئاز ئازدىن ئىچىشكە بىرىش لازىم.

3.مىڭىدىكى بۇزۇق خىياللارنى تاشلاتقۇزۇش ، مىڭىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن مەجۇنى نۇجاھ، خېمىرى مەرۋايىت، مەجۇنى مۇقەۋۋى ئەسەپ داۋائىلمىشكى قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىپ بىرىش لازىم.

4. بەدەن بەك ئاجىزلاپ كەتكەن بولسا  بۇنىڭغا جاۋارىش زەرئۇنى ، ھالۋايى تەرەنجىبىن، لوبوبى سەغىر قاتارلىقلاردىن كۈنىگە 3 قىتىم بىرىش لازىم،

5. ئاسارۇن 7 گىراام ، ئاق سەندەل 10 گىرام ، غاپەس 3 گىرام ، سېرەق ھەلىيلە 12 گىرام ، بۇغا مۆڭگۈزى 20 گىرام ، ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى 15 گىرام ، قوغۇن ئۇرقى 5 گىرام ، بۇلاردىن قائىدە بۇيچە  شەربەت تاييارلاپ مۇۋاپىق ئىچىشكە بىرىلىدۇ،

6. ئەگەر زەكەر ۋە ئۇرۇقداندا يىگىلەش خەتنىگاھ قان تۇمۇرلىرىدا كېڭىيىش يۈز بەرگەن بولسا لوبوبى كەبىر، مەجۇنى پىستە، ھالۋايى تەرەنجىبىن، مەجۇنى مۇقەۋۋى بەدەنى، مەجۇنى سۆئلەپ قاتارلىق لارنى كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىش كىرەك.

7 . زەيتۇن يېغى بىلەن ئۆچكە بۆرەك يېغى ئۆردەك يېغى، كالا ياغلىرىدىن 30 گىرامدىن گۈل يېغىدىن 60 گىرام ئارلاشتۇرۇپ ئاستى دوۋسۇن ئارلىق دائىرلىرىنى داۋاملىق ياغلاشقا بۇيرۇش لازىم

يۇقارقىلاردىن باشقا ئۇسۇللارمۇ بار،،،،،،،،يەنە كىسەلنىڭ ئېغىر يىنىكلىكى ، تەرەققى قىلىش باسقۇچى ، بەدەننىڭ قۇرۇلمىسى ،ياش، جىنىسى،  مىزاجى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغاچقا دورىلارمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوخشاش بولمايدۇ     شۇڭا دورىلارنى ئىشلىتىشتە يەنىلا دۇختۇر ياكى تىۋىپنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالغايسىز............

پايدىلانغان ماتىريال:

ئەرلەر ساغلاملىقى ..........دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى

 


دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز