ئەنگىليەنىڭ " كۈندىلىك پوچتا گېزىتى " خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىليەنىڭ ئارىزونا شىتاتىدىكى 3 ياشلىق Lizzy Hendrickson تۇغۇلغان ۋاقتىدىلا تۇغما ئىرىسيەتلىك تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن. بۇ قىزنىڭ تېرىسى خۇددى تۇمۇزغا قانتىغا ئوخشاش ئىنتايىن ئاجىز بۇلۇپ ، ئازراق سۈركۈلۈشكە ئۇچراپ قالسىلا يېرىلىپ كىتىدىكەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل كېسەل ئادەتتە 50 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرى كۆرۈلىدىكەن. بۇ خىل كېسەل " تېرىسى چىرىيدىغان سۇلۇق قاپارتما " تىپىدىكى كېسەلگە تەۋە بۇلۇپ، Lizzy Hendrickson كېسەل سەۋەبىدىن ئۆزى بىلەن تەڭتۇش دوسلىرى بىلەنمۇ ئوينىيالمايدىكەن. ئۇنىڭ پۇت تېرىسى ئەڭ ئاسان يارلىندىغان بولغاچقا ئۇنىڭ پۇتىغا قېلىن مەلھەملەر سۈرۈتۈلۈپ تېڭۋىتىلگەن ئىكەن. ئاساسەن پۈتۈن بەدىنىگە دارا سۈركەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قۇچاقلىشىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالغان.
خەۋەرلەردە دېيىشىچە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئېغىر تىپتىكى بىمارلار ھەتتا تاماق يىيەلمەيدىكەن. چۈنكى تاماق ئىستىمال قىلغاندا بىمارنىڭ تىل ۋە كېكىردەك قىسملىرىدىكى تېرىسى بەرداشلىق بېرەلمەي يىرتىلىپ كېتىدىكەن.
Lizzy Hendrickson نىڭ ئاتا-ئانىسى
مەنبەسى: خەۋەر تورى |