باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش

تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

غەرب تىبابىتى ئۇچۇرلېرى
  دورا قالايمىقان ئىچىدىغان نەرسە ئەمەس
  دورا قالايمىقان ئىچىدىغان نەرسە ئەمەس
  يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز
  ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار
  ئادەم تېنى تۈزۈلۈشىدىكى ئاجايىباتلار
  بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
  ئۈچ ياشلىق قىزنىڭ جىگىرى يېرىلىپ كەتتى
  ئەنگىليەدىكى بىر 3 ياشلىق قىز ئەڭ ئاز كۆرۈلدىغان تېرىسى يېرىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان
 
بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
قوشۇلغان ۋاقتى : 2013-2-23      كۆرۈلۈشى :2243
      

شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىقىدا ئوقۇيدىغان يۈەنيۈەن قىشلىق تەتىلدە توردا ‹‹كارت›› ئاپتوموبىل ئويۇنى ئويناشقا خۇمار بولۇپ قېلىپ، ھېيتلىق پۇلىنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋەتكەندىن سىرت، ئاتا – ئانىسىنىڭ 300 يۈەن پۇلىنى ئوغرىلىغان. مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ئائىلە باشلىقلىرىغا بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نەچچە تۈرلۈك ئەپچىل چارىنى تونۇشتۇردى.

بىرىنچى، بالىلارنىڭ تور ئويۇنىغا ئامراق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ زادى ساددىلارچە قىزىقىش، خۇشاللىق ئىزدەش ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ؟ دېگەنلەرنى ئېنىقلىشى كېرەك.مەسىلەن:ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماي، رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىقلارمۇ بالىلارنىڭ تور ئويۇنىغا زىيادە قىزىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.ئائىلە باشلىقلىرى قىشلىق تەتىلدە ۋاقىت چىقىرىپ بالىسى بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئويناش جەريانىدا بالىسىنىڭ پسىخىك ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ بېقىشى كېرەك.
ئىككىنچى، كومپيۇتېرنى بالىنىڭ ھۇجرىسىغا قويماسلىق كېرەك.ئەڭ ياخشىسى مېھمانخانا ياكى چوڭلار ياتىدىغان ياتاق ئۆيگە قويۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ تورغا چىقىش مەزمۇنىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلغىلى بولىدۇ.
كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتىنى مۇقىملاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك، مەسىلەن: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تورغا چىققان بولسا، ئەتىسى چۈشتىن كېيىن تورغا چىقىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا بالىلاردا ۋاقىت جەھەتتىكى رېفلېكسلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئامال بار سائەت 21 دىن 23 كىچە بولغان ۋاقىتتا بالىلارنى تورغا چىقارماسلىق كېرەك، بۇ ۋاقىتتا تورغا چىقمىغاندا، ‹‹خۇمار››بولۇپ قېلىشتىن ناھايىتى ياخشى ساقلانغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، كومپيۇتېر يېنىغا قوڭغۇراقلىق سائەت قويۇش ياكى تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئەسكەرتىش كارتىسى چاپلاش ئارقىلىق بالىلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئەسكەرتسە بولىدۇ. تەتىل مەزگىلىدە ئائىلە باشلىقى بالىسى بىلەن تورغا چىقىش كېلىشىمى تۈزۈپ، بالىنىڭ تورغا چىقىش ھەرىكىتىنى ئۆزى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك
خەۋەر تورىدىن ئېلىندى

دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز