باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش

تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

غەرب تىبابىتى ئۇچۇرلېرى
  دورا قالايمىقان ئىچىدىغان نەرسە ئەمەس
  دورا قالايمىقان ئىچىدىغان نەرسە ئەمەس
  يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز
  ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار
  ئادەم تېنى تۈزۈلۈشىدىكى ئاجايىباتلار
  بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
  ئۈچ ياشلىق قىزنىڭ جىگىرى يېرىلىپ كەتتى
  ئەنگىليەدىكى بىر 3 ياشلىق قىز ئەڭ ئاز كۆرۈلدىغان تېرىسى يېرىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان
 
ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار
قوشۇلغان ۋاقتى : 2014-11-14      كۆرۈلۈشى :3255
      

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

1. دائىم ساڭناغا كىرىپ يۇيۇنۇش
ئۇرۇق ئادەتتە 35-34 گرادۇسلۇق مۇھىتتا نورمال يېتىلەلەيدۇ. ھالبۇكى، ساڭنانىڭ تېمپېراتۇرىسى بۇ چەكتىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.


2. دائىم يان تېلېفون ئىشلىتىش
گەرچە بۇ خىل يەكۈن تېخى تولۇق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئۇزاق ۋاقىت دائىم يان تېلېفون ئىشلەتكەن ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئىشلەتمەيدىغانلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ.


3. ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم تاماكا چېكىدىغان ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولالماسلىق نىسبىتى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 3 ھەسسە تۆۋەن بولىدىكەن.
ئىسپىرتتىن ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلەنگەنلەردە ئۇرۇقدان (تاشاق) يىگىلەش كۆرۈلۈپ، مەنى سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  

4. تار ئىشتان كېيىش
پادىچىلار ئىشتىنىغا ئوخشاش تار ئىشتانلار ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، ئۇرۇقدان ئىچىدىكى قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىنى چەكلەپ، ئۇرۇقنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ۋە ساقلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.


5. ئۇزاق ۋاقىت ماشىنا ھەيدەش
ئۇزاق ۋاقىت ماشىنا ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنىڭ مەنىسىدىكى ئۇرۇق سانى سەل ئازراق، غەيرى شەكىلدىكى ئۇرۇقلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ. چۈنكى، ماشىنا ھەيدەش جەريانىدا ئۇرۇقداننىڭ ھارارىتى ئېشىپ، ئۇرۇق سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ بەلكىم كەسپىي شوپۇرلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.


تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 20 مىنۇت ماشىنا ھەيدىگەندە ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسى 34.2 گرادۇستىن 35.5 گرادۇسقا چىقىدىكەن، ئۇدا 2 سائەت ھەيدىگەندە 36.2 گرادۇسقا يېتىدىكەن. ماشىنا ھەيدىگەن چاغدا ئۇرۇقداننىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ماڭغان چاغدىكىگە قارىغاندا 2.2 گرادۇس يۇقىرى بولىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەن بولغان شارائىتتىلا ئاندىن نورمال ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرالايدۇ


دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز