بەزى قىزلار يالغان كىرپىك تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن دائىم يالغان كىرپىك تاقىغاندا ، كۆز ئەتراپىدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان يالغان كىرپىكلەرنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ، بەزىلىرى ھايۋاناتنىڭ تۈكىدىن ياسالغاچقا، تاقاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇنۇپ كېتىدۇ، ناۋادا كۆزگە كىرىپ كەتسە كۆز قارىچۇقى زىيانغا ئۇچراپ، كىرپىك چۈشۈش، نۇر يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆز قارىچۇقى زەخمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن باكتىرىيىلەر ئاسانلا كۆزگە كىرىپ، كۆز قارىچۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، قارىغۇ بولۇپ قېلىشقا سەۋەپچى بولىدۇ. ئادەتتە كىرپىكنىڭ قۇم، چاڭ –توزاننىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىنى توسۇش، شۇنداقلا تەر، ياش ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى يوسۇش رولى بار. لېكىن دائىم ياغان كىرپىك تاقىغاندا، ئەسلىي كىرپىكنىڭ پاكىزلىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. كىرپىكنىڭ يىلتىزىدا تەر ھەم ماي بەزلىرى بولۇپ، يالغان كىرپىكنى بەك ئوزۇن تاقىسا، تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ تەر چىقىشىغا تەسر كۆرسىتىپ، تۈك خالتىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
|