ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ئۆيىدىكى ھاۋا تەكشىگۈچنى ئاچىدىغانلار كۆپەيدى، بۇنىڭ بىلەان زۇكام ۋە يۆتەل ئاغرىقلىرىمۇ غولداپ قالدى، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى دورىخانىلاردىن دورا سېتىۋېلىپ ئۆزىنى ئۆزى داۋالاۋاتىدۇ، ئەمما غەيرىي رېتسېپسېز زۇكام دورىسى قالايمىقان ئىچىدىغان نەرسە ئەمەس. جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى لۈلياڭجۇڭ مۇنداق دېدى: <<دۆلىتىمىزدە كىشىلەر ئاغرىپ بولغىچە دورا ئىچىشكە ئئادەتلەنگەن، ئەمەلىيەتتە بۇنراق قىلىش خاتا. چەت ئەللەردە دوختۇر زۇكامداپ قالغانلارنى قايناقسۇ ئىچىپ ئارام ئېلىشقا بۇيرۇيدۇ، چۈنكى كۆپ قىسىم زۇكام بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ>>.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: <<بىراق دۆلىتىمىزدە كىشىلەر تېزرەك ساقىيىش ئۈچۈن، غەرب ۋە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىپرىنى بېرلەشتۈرۈپ ئىچىدۇ، ئەمما جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا مەلۇم مىقداردا غەربچە دورا قوشۇلغان، ئەگەر بۇ تەركىب جۇڭگو تېبابىتى دورىسى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغان غەربچە دورىنىڭ تەركىبىدىمۇ بار بولسا، ئوخشاش مىقدار ھەسسىلىنىپ ئۈنۈمگە تەسىر يېتىدۇ>>.
|